ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، رۇسىيە بىلەن بولغان تىنچلىق سۆھبىتىنى كېلەر ھەپتە قايتا باشلاشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ بايانات، ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا توختاپ قالغان سۆھبەتلەردىن كېيىن دىپلوماتىك مۇساپىنىڭ قايتىدىن جانلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
زېلېنسكىي شەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە: «دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى (رۇستەم) ئۇمېروۋ رۇسىيە تەرەپ بىلەن كېيىنكى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى دوكلات قىلدى. سۆھبەت مۇساپىسىنى تېزلىتىش كېرەك» دېدى.
بۇ ئۆزگىرىش، ئۈچىنچى يىلىغا قەدەم قويغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى قايتا جانلاندۇرۇشقا دائىر خەلقئارالىق چاقىرىقلار كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى. گەرچە بۇ تەكلىپنىڭ تەپسىلاتلىرى تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بۇ قەدەم كىيېۋنىڭ موسكۋا بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىشكە مايىل ئىكەنلىكىنىڭ تۇنجى ئاشكارا ئىشارىتى دەپ قارالماقتا.
ئىستانبۇل سۆھبەتلىرى
تۈركىيە، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قانچىلىغان قېتىم مۇھىم دىپلوماتىك ۋاسىتىچى سۈپىتىدە رول ئوينىدى.
15 – مايدا ئىستانبۇل 2022 – يىلىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرى بۇزۇلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى بىۋاسىتە ئۇچرىشىشقا ساھىبخانلىق قىلدى. سۆھبەتلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى.
ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى نۆۋەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا «مىڭ كىشىگە مىڭ كىشى» فورمۇلاسى بويىچە ئەسىر ئالماشتۇرۇشقا قوشۇلدى. كېلىشىم دائىرىسىدە ئېغىر كېسەللەر ۋە 25 ياشتىن تۆۋەن ياش ئەسكەرلەرنىمۇ قايتۇرۇپ بېرىش پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىندى.
