7-ئۆكتەبردىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروندىن ئىبارەت غەرب رەھبەرلىرى ھاماسنى ئەيىبلەشتە كېچىكمىدى ۋە بەزىدە ھاماسنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىش بىلەن سېلىشتۇردى.
ئەمما 1940-يىللاردا، ھاماسقا ئوخشاش باشقا پەلەستىنلىك قارشىلىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى قوراللىنىشىدىن خېلى بۇرۇن، نۇرغۇنلىغان يەھۇدىي قوراللىقلىرى ئەنگلىيە مەسئۇللىرىنى ۋە پەلەستىنلىك ئەرەبلەرنى بومبىاپ ئۆلتۈرگەن.
ھاگاناھتىن ئىرگۇنغا ۋە ئىستېرن ئەترىتىگە (لېھى) قەدەر بولغان يەھۇدىي گۇرۇپپىلىرى پەلەستىندىكى ئەنگلىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ۋە ئەرەب پۇقرالىرى ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش ئۈچۈن تېررورىزىمنى ئاكتىپ ئىشلەتكەن ئىدى.
كانادانىڭ نيۇ بىرۇنسۋىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەربىي تارىخ پىروفېسسورى ۋە گرېگگ ئۇرۇش ۋە جەمئىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي ئەزاسى داۋىد ئا. چارتېرس مۇنداق يازىدۇ:
«مەن 1940-يىللاردىكى يەھۇدىي تېررورىزىمىنىڭ ھەم تاكتىكا ھەم ئىستراتېگىيە جەھەتتە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. تاكتىكا جەھەتتىن، يەھۇدىي تېررورىستلار ئەنگلىيە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشكە ۋە پەلەستىننى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
چارتېرس «يەھۇدىي تېررورىزىمى ۋە زامانىۋى ئوتتۇرا شەرق» ناملىق ماقالىسىدا يەنە مۇنداق يازىدۇ:
«بۇ ئەھۋال ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئەنگلىيەنىڭ پەلەستىندىن چېكىنىشكە قايىل بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى ۋە بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھەمدە بۇنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە بىر ئەرەب-پەلەستىن دىئاسپوراسىنىڭ يارىتىلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان شارائىتلارنى بارلىققا كەلتۈردى»
ئامېرىكالىق ھەربىي مۇتەخەسسىس جون لۇئىس پېكې، ئىسرائىلىيە ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىدا زىيونىستىك تېررورىزىمنىڭ ياتقانلىقىنى يازىدۇ. پېكې ئۆزىنىڭ «يەھۇدىي-زىيونىستىك تېررورىزم ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلۇشى» ناملىق كىتابىدا: «ئەنگلىيەلىكلەرگە ۋە ئەرەبلەرگە قارىتىلغان يەھۇدىي تېررورىزىمى، ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ پەلەستىندىن چىقىرىلىشىغا، مىللەتلەر جەمئىيىتى مانداتىنىڭ تەرك ئېتىلىشىگە ۋە بىر يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا زور تۆھپە قوشتى» دەپ يازغان.
زىيونىستىك تېررورىست گۇرۇپپىلىرى 1940-يىللاردا پەقەت ھەربىي نىشانلارنىلا ئەمەس، پۇخرالارغا قارشىمۇ رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇملارنى قىلغان ئىدى.
1945-يىلى 10-ئايدا، يەھۇدىي يەر ئاستى گۇرۇپپىلىرى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا پەلەستىندىكى مۇستەملىكە تۆمۈر يوللىرىنى، نېفىت چىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ۋە ساقچى كېمىلىرىنى ھۇجۇم نىشى قىلغان ئىدى. بۇ ھەم ئەنگلىيەلىكلەرگە ھەم پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ئىككى يىل داۋاملىشىدىغان بىر يەھۇدىي ئىسيان ھەرىكىتى مەزگىلىنىڭ باشلانغۇچى بولدى.
1946-يىلى 7-ئايدا ئىرگۇن، ئەنگلىيە باشقۇرۇش مەركىزى جايلاشقان قۇددۇستىكى كىڭ داۋىد مېھمانخانىسىنى پارتلىتىپ، 92 كىشىنى ئۆلتۈردى.
پېكې مۇنداق يازىدۇ: «[روبېرت] ئاسپرېي، [مېناخېم] بېگىن ۋە [سامۇئېل] كاتز، كىڭ داۋىدنىڭ ئىككى سەۋەبتىن پارتلىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ: بىرىنچىسى ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ يەھۇدىي ئاگېنتلىقىغا قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا ئىنتىقام ئېلىش ئىككىنچىسى يەھۇدىي ئاگېنتلىقى بىلەن [داۋىد] بېن گۇرىئوننى ھاگاناھ تېررورىزىمىغا چاتىدىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنى يوقىتىش»
ھاگاناھ، سىئونىزمنىڭ قۇرغۇچى ئاتىسى تېئودور ھېرزل تەرىپىدىن 1897-يىلى شىۋېتسارىيەنىڭ بازېل شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى زىيونىست قۇرۇلتىيى جەريانىدا قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيا زىيونىست تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق ھەرىكەت قانىتى ھېسابلىنىدىغان «پەلەستىن ئۈچۈن يەھۇدىي ئاگېنتلىقى» نىڭ قوراللىق قانىتى ئىدى.
1948-يىلدىن كېيىن نامىنى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن يەھۇدىي ئاگېنتلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن ئاتالمىش پەلەستىن ئۈچۈن يەھۇدىي ئاگېنتلىقى، باشقا دۆلەتلەردىن ئىسرائىلىيەگە يەھۇدىي كۆچمەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش، تەمىنلەش ۋە ئىجرا قىلىشنى مەقسەت قىلاتتى.
بېن گۇرىئون 1935-يىلدىن 1948-يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغىچە يەھۇدىي ئاگېنتلىقىنىڭ رەئىسلىكىنى قىلغان ۋە ھاگاناھنىڭ پائالىيەتلىرىدە مۇھىم رول ئوينىغان. گۇرىئون كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى بولغان.
«مۇداپىئە كۈچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ھاگاناھ، ئىسرائىلىيە قۇرۇلغاندىن كېيىن زىيونىست رەھبەرلەرنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ئىسرائىلىيە مۇداپىئە كۈچلىرى (IDF) دەپ ئاتىشىغا ئىلھام بولغان.
پېكې 1940-يىللاردىكى يەر ئاستى پائالىيەتلەردىن «يەھۇدىي تېررورىزىمى ھەربىي ھەرىكەتكە ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە مۇداپىئە كۈچىگە ئايلاندى» دەپ يازغان ئىدى.
زىيونىستلارنىڭ «ئىرقىي تازىلاش» ھەرىكىتى
1948-يىلى 9-ئاپرېلدا ئىرگۇن ۋە لېھى مىلىتانتلىرى بىرلىكتە ئايال ۋە كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 107 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يېزا پۇقراسىنى دېير ياسىن قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈردى. دېير ياسىن قۇددۇس يېقىنىدىكى تەخمىنەن 600 نوپۇسلۇق بىر پەلەستىن يېزىسى ئىدى.
ئىرگۇننىڭ دېير ياسىندا ئاددىي پەلەستىنلىكلەرگە قارشى قوللانغان تېررورىنىڭ ۋەھشىيلىكى پەلەستىنلىك ئەرەبلەرنى چۆچۈتۈش ۋە قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلاتتى. ئەل فەتىھ ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن سالاھ خالەف، 1979-يىلى فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئېرىك روۇلېئوغا بەرگەن باياناتىدا بۇنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز زېمىنلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرلاش بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
پەلەستىن قارشىلىق تەشكىلاتى ئەل فەتىھ، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى باشقۇرىدىغان ۋە خەلقئارالىق سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنغان پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ (PLO) ئالدىنقى قاتاردىكى گۇرۇپپىلىرىدىن بىرسى ئىدى.
ئەل فەتىھ خەلقئارالىق جەمئىيەتكە نىسبەتەن ھازىر قانۇنلۇق بىر گۇرۇپپا بولسىمۇ، 1960-يىللاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئىسرائىلىيە، ھاماسنى ئەيىبلىگەندەك ئۇنىمۇ تېررورىست تەشكىلات دەپ بېكىتكەن ئىدى. پەلەستىندە 2006-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى سايلامنى ھاماس ئۇتقان ئىدى.
ئەبۇ ئىياد دەپمۇ تونۇلغان خالەف، روۇلېئو بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت پىروگراممىسىنى ئاساس قىلىپ يازغان، «ۋەتەنسىز پەلەستىنلىكلەر» ناملىق كىتابىدا، ئىرگۇننىڭ دېير ياسىن قىرغىنچىلىقىدا ئائىلىسىنى يافادىكى ئۆيلىرىنى تاشلاپ غەززەگەكېتىشكە قانداق مەجبۇرلىغانلىقىنى جانلىق تەسۋىرلىگەن ئىدى.
رەسمىي باياناتلارنىڭ ئەكسىچە خالەف، 1948-يىلى 4-ئايدىكى ھۇجۇمدا 250 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ زىيونىست تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە يەھۇدىي جىنايەتچىلەرنىڭ «ئوتتۇز نەچچە ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتكەن ۋە نۇرغۇن جەسەتنى كەلتەك نەيزىلەر بىلەن تۆشۈك تۆشۈك قىلىۋەتكەنلىكىنى» ئېيتقان ئىدى.
خالەفنىڭ قارىشىچە دېير ياسىن قىرغىنچىلىقى، زىيونىستلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئىرقىي تازىلاش سەپەرۋەرلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەلىرىدىن بىرسى بولۇپ، شۇ چاغدىن باشلاپ بۇنىڭ نەتىجىلىرىدىن ئازاب چېكىش داۋاملاشماقتا. سالىھا ۋە لىددا قاتارلىق پەلەستىن ناھىيەلىرىدىكى باشقا زىيونىست قىرغىنچىلىقلار دېير ياسىندىن كېيىن يۈز بەردى ۋە نەكبە دەپ ئاتالغان كەڭ كۆلەملىك پەلەستىنلىكلەر كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
خالەف يەنە 1948-يىلىنىڭ بېشىدا ھاگاناھنىڭ «بېگىننىڭ ئىرگۇنى قاتارلىق بۆلگۈنچى تەشكىلاتلار بىلەن يېقىن ھەمكارلىقتا پائالىيەت قىلغانلىقىنى، زىيونىستلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى يەھۇدىي دۆلىتى زېمىنلىرىدا ئەرەب مەھەللىلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن مۇنتىزىم ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
«دېير ياسىندىكىگە ئوخشاش قىرغىنچىلىقلاردىن قورققان ۋە تەقدىرىگە تاشلىۋېتىلگەن يۈز مىڭلىغان پەلەستىنلىك، بىخەتەرلىك ئىزدەپ دۆلىتىنى تاشلاپ كېتىشكە قارار قىلدى» دەپ يازغان ئىدى.
پەلەستىنلىكلەر دۆلىتىنى تاشلاپ چىققانلىرىدا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆيلىرىگە قايتالايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمما بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى.
ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن يەھۇدىي كۆچمەنلەر، زىيونىست قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ياردىمى بىلەن يەھۇدىي ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن پەلەستىنگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
پەلەستىن نوپۇسنىڭ بۇ شەكىلدە ئۆزگەرتىلىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتا ئىشغال قىلغان زېمىنلاردا قانۇنسىز مەھەللىلەرنى قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى بىلەن بۈگۈنگىچە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
يىللار بويى بېگىن تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان ئىرگۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ئەنگلىيە تەرىپىدىن بىر تېررورلۇق گۇرۇپپىسى دەپ ئاتالغان ئىدى.
ئەمما بۇنداق كۈچلۈك ئەيىبلەشكە قارىماي بېگىن، ئوڭچى بىر ئىسرائىلىيە سىياسىي پارتىيەسى بولغان ھېرۇتنى قۇردى. بېگىن 1977-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ ئالتىنچى باش مىنىستىرى بولدى. ھېرۇت كېيىن ھازىرقى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ لىكۇد پارتىيەسى بىلەن بىرلەشتى.
تەرك ئېتىش مۇمكىن ئەمەس
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ئىستىخبارات باشلىقى بولغان، پەلەستىن قارشىلىق گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك لىدىرى ياسىر ئەرافاتتىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككىنچى ئەل فەتىھ لىدىرى بولغان خالەف، پەلەستىنلىكلەرنىڭ زېمىنلىرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
«ئارقىغا قاراپ باققىنىمدا، يۇرتداشلىرىمنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە ئىشىنىپ ۋە يەھۇدىي مۇستەملىكىچىلەرگە مەيداننى بوش قويۇپ خاتالاشقانلىقىنى ئويلايمەن. ھەر قانداق بەدەلگە قارىماي قارشىلىق كۆرسىتىش كېرەك ئىدى. زىيونىستلار ئۇلارنى ئاخىرقى كىشىگىچە يوقىتالمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇنلىرىمىز ئۈچۈن سۈرگۈن ئۆلۈمدىن يامانراق بولدى»
غەززە خەلقى ئىككىنچى نەقبە دەپ قارالغان بۇ ۋەقەدە يۇرتلىرىدىن قوغلانماقتا. خالەفنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ھاماس رەھبەرلىكىنىڭ ئۈستىدە نامايان بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئاشكارىلانغان ئىسرائىلىيە رەسمىي ھۆججەتلىرى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نەقبەدىكىگە ئوخشاش پەلەستىنلىكلەرنى غەززەدىن باشقا بىر سۈرگۈن قىلىش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشانلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان پەلەستىن رايونىنى ھاۋا ھۇجۇملىرى، راكېتا ۋە توپ ئوقلىرى بىلەن بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ ۋە 1940-يىللاردا دېير ياسىر ۋە باشقا رايونلاردا بولغىنىدەك ئارىسىدا ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارمۇ بولغان ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماقتا.