ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئاپرېل ئېيىدا ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە يۈز بېرىپ، يېقىنقى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك ھىندىستان-پاكىستان توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان بىر مەخپىي گۇرۇپپىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو، «قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتى»نى، ب د ت تەرىپىدىن «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىنغان «لەشكىرى تەييىبە»نىڭ «ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نامىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ۋاستىچىسى» دەپ ئاتىدى.
رۇبىئو باياناتىدا، بۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» ئېلانىنىڭ، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتىنى قوغداش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە پاھالگام ھۇجۇمىدا ئادالەتنى ياقلاش ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى»نى بىلدۈردى.
ئاپرېل ئېيىدا پاھالگامدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، ھەممىسى دېگۈدەك ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان 26 پۇقرا قوراللىق ھۇجۇمچىلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
كۈچلۈك ئېتىراپنامە
ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جاكىشانكار، X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ قارارىغا «ھىندىستان-ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ھەمكارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئېتىراپنامىسى» دەپ يۇقىرى باھا بەردى.
دەسلەپتە پاھالگام ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان «قارشىلىق كۆرسىتىش فىرونتى» ھەققىدە ئىلگىرى كۆپ ئۇچۇرلار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
بىراق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، بۇ گۇرۇپپا ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشتىن يېنىۋالدى.
پاھالگامدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، 1999-يىلىدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ھەر ئىككى تەرەپتىن 70 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تۆت كۈنلۈك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
توقۇنۇش جەريانىدا، پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىدە «رافال» (Rafale) تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ھىندىستان ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن.
كەشمىر مەسىلىسى
ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى قوراللىق ئۆكتىچىلەر، 1989-يىلىدىن بۇيان يېڭى دېھلى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. كۆپ ساندىكى مۇسۇلمان كەشمىرلىكلەر، بۇ رايوننىڭ يا پاكىستانغا قوشۇلۇشىنى ياكى مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ.
ھىندىستان، كەشمىردىكى قوراللىق قارشىلىقنى «پاكىستاننىڭ ھىمايىسىدىكى تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئەيىبلەشنى قەتئىي رەت قىلىدىغان پاكىستان ۋە نۇرغۇنلىغان كەشمىرلىكلەر بولسا، بۇ كۈرەشنى «قانۇنلۇق ئازادلىق ئۇرۇشى» دەپ قارايدۇ. توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە ئونمىڭلىغان پۇقرا، قوراللىق ئۆكتىچى ۋە ھۆكۈمەت ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پاكىستان بولسا، رايوندىكى كەشمىر خەلقىنىڭ ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇلۇشى تەلىپىنى «پەقەت سىياسىي، ئەخلاقىي ۋە دىپلوماتىك جەھەتتىنلا قوللايدىغانلىقى»نى تەكىتلەپ كەلمەكتە.