ئۇسىك مۇسابىقىدىن كېيىن: «ھازىر ئۆيۈمگە قايتقۇم بار، ھازىر بىر تاللاش قىلغۇم بار؛ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولار… مەن بوكىسنى داۋاملاشتۇرىمەن، مەشىقنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.
ئولېكساندىر ئۇسىك دانىيېل دۇبۇئانى بەشىنچى مەيداندا يەرگە يىقىتپ، ئىككىنچى قېتىم مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چېمپىيونى بولدى.
بۇ مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان سولخاي بوكىسچى، شەنبە كۈنى WBA، WBC ۋە WBO چېمپىيونلۇق بەلبېغىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە، بىر يىل ئىلگىرى قولدىن بېرىپ قويغان IBF چېمپىيونلۇق بەلبېغىنىمۇ قايتۇرۇۋالغان بولدى.
ئۇكرائىنالىق بوكىسچى ئولېكساندىر ئۇسىك، ۋېمبلېي تەنتەربىيە مەيدانىنى لىق تولدۇرغان تاماشىبىنلار ئالدىدا، بەشىنچى راۋوندنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۇبۇئانى كۈچلۈك بىر سول مۇشت بىلەن يەرگە يىقىتىپ، مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇردى.
بۇ ئۇسىكنىڭ 2023-يىلى پولشانىڭ كراكوۋ شەھىرىدە توققۇزىنچى راۋوندتا مۇسابىقىنى توختىتىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 27 ياشلىق ۋە ئۆزىدىن تەخمىنەن 11 ياش كىچىك بولغان دۇبۇئانى ئىككىنچى قېتىم مەغلۇپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇسىك مۇسابىقىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇزۇن بىر دەم ئېلىش مەزگىلىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە كېيىنكى رەقىبىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، پارلاق كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇسىك: «مەن ئۈچ يېرىم ئاي تەييارلىق قىلدىم، ئائىلەمدىكىلەرنى، ئايالىمنى كۆرمىدىم. ھەر كۈنى 14 كىشىلىك گۇرۇپپام بىلەن بىر ئۆيدە ياشىدىم، ھەر كۈنى پەقەت ئوخشاش چىرايلارنىلا كۆردۈم» دېدى.
ئۇ يەنە: «ھازىر ئۆيۈمگە قايتقۇم بار، ھازىر بىر تاللاش قىلغۇم بار؛ بۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولار… مەن بوكىسنى داۋاملاشتۇرىمەن، مەشىقنى داۋاملاشتۇرىمەن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.