ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا سودا ئۇرۇشىنى يېنىكلىتىش سۆھبىتى جەنۋەدە باشلىدى
ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى ۋە خىتاي بىلەن بولغان سودا تالاش-تارتىشى پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا، تەمىنات زەنجىرىنى بۇزماقتا ھەمدە دۇنياۋى ئىقتىسادىي چېكىنىش [رېسېسسىيە] ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە.
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا سودا ئۇرۇشىنى يېنىكلىتىش سۆھبىتى جەنۋەدە باشلىدى
خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭ، شىۋىيېتسارىيە ئىقتىساد مىنىستىرى، فېدېراتسىيە كېڭەشچىسى گۇي پارمېلىن ۋە شىۋىيېتسارىيە پىرېزىدېنتى كارىن كېللېر-سۇتتېر 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە شىۋىيېتسارىيە - خىتاي ئىككى تەرەپلىك يىغىنغا قاتناشتى. / Reuters
May 10, 2025

خىتاي باش مىنىستىر مۇئاۋىنى خې لىپېڭ شەنبە كۈنى ئەتىگەندە جەنۋەدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سكوت بېسسېنت بىلەن كۆرۈشتى. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە سۆھبەتتىن خەۋەردار ئىككى كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچرىشىش دۇنيا ئىقتىسادىنى تەۋرىتىۋەتكەن سودا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش يولىدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاشلانغان تۇنجى قەدەم دەپ قارالماقتا ئىكەن.

بېسسېنت ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى جەمىسون گىرىر ھەپتىلەردىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىكتىن كېيىن جەنۋەدە خې بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلانلىغانىدى. بۇ جەرياندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە ئوتتۇرىسىدىكى ئىمپورت بېجى %100 تىن كۆپ ئېشىپ كەتكەنىدى.

مەزكۇر سودا تالاش-تارتىشى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆتكەن ئايدا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تاموژنا بېجى يۈرگۈزۈش قارارى بىلەن قوشۇلۇپ، تەمىنات زەنجىرلىرىنى بۇزدى، پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، كەسكىن دۇنياۋى ئىقتىسادىي چېكىنىش [رېسېسسىيە] ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ماللىرىغا يۈرگۈزۈلىدىغان %80 لىك تاموژنا بېجىنىڭ «مۇۋاپىق كۆرۈنۈۋاتقانلىقى»نى  بىلدۈرگەنىدى. ترامپ بۇ باياناتى ئارقىلىق خىتاي ئىمپورتىغا يۈرگۈزۈلگەن %145 لىك باجنىڭ ئورنىغا تۇنجى قېتىم مەلۇم بىر نىسبەتنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

TRT Global - 80% tariff on Chinese goods 'seems right': Trump

US Treasury Secretary Scott Bessent and chief trade negotiator Jamieson Greer will meet Chinese economic tsar He Lifeng in Switzerland for talks that could be the first step toward resolving their trade disputes.

🔗

ئورۇن مەخپىي

ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئورنى مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، جەنۋەدىكى بىر كىشى يېشىللىق بىلەن قاپلانغان شەھەر ئەتراپىدىكى بىر شەخسىي تۇرالغۇنىڭ ئالدىدا نۇرغۇن ساقچى ماشىنىسىنى كۆرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى جەنۋە كۆلى بويىدىكى بىر مېھمانخانىدا تۇرۇۋاتقان پەيتتە، قارا ئەينەكلىك مېرسىدىس مىنىبۇسلىرىنىڭ مېھمانخانىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بېسسېنت ۋە گىرىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئامېرىكالىق ئەمەلدار مېھمانخانىدىن چىقىۋاتقاندا، بوينىغا قىزىل گالستۇك تاقىغان ۋە ياقىلىرىغا ئامېرىكا بايرىقىنى قىستۇرغان ھالەتتە كۆرۈنگەنىدى. بېسسېنت مۇخبىرلار بىلەن سۆزلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us