خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كىرگەن خەتىرى يۇقىرى سودا ئۇرۇشىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە تىرىشماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئەۋزەللىككە، يەنى نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا تايانماقتا.
ئېلېكترلىك ماشىنا، قاتتىق دىسكا، شامال تۇربىناسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردا ئىشلىتىلىدىغان نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى زامانىۋى ئىقتىساد ۋە مىللىي مۇداپىئە ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئامىل ھيسابلىنىدۇ.
كانچىلىقنىڭ گۈللىنىشى
خىتاينىڭ سابىق رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ 1992-يىلى رىئاللىققا يۈزلەنگەن بازار ئىسلاھاتى بىلەن دۆلەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىغا باشلىغان بولۇپ، «ئوتتۇرا شەرقتە نېفىت بار. خىتاينىڭ بولسا نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى بار» دېگەن ئىدى.
شۇنىڭدىن تارتىپ خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كانچىلىق شىركەتلىرىگە سالغان زور مەبلىغى ۋە باشقا ساھەدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا مۇھىت بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىلاستىكىلىق بولىشى خىتاينى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىگە ئايلاندۇردى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئورگىنىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھازىر دۇنيا بويىچە ساپلاشتۇرۇلغان مەھسۇلاتنىڭ %92 ىنى ئىشلەپچىقارماقتا.
بىراق خىتايدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئېقىۋاتقان نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى، خىتاينىڭ ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئامېرىكا تاموژنا بېجىغا جاۋابەن قىلغان ھەرىكىتى بىلەن، يەرلىك ئېكسپورتچىلارنىڭ ئىجازەتنامە ئىلتىماس قىلىشىنى مەجبۇرىي قىلىشىدىن كېيىن ئاستىلىدى.
ساھەدىكى گۇرۇپپىلار «مۇرەككەپ ۋە ئاستا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ» دەپ قارىغان يېڭى تەلەپلەرگە ئاساسەن، يەتتە ئاساسلىق ئېلېمېنت ۋە مۇناسىۋەتلىك ماگنىتلارنىڭ چەتئەللىك سېتىۋالغۇچىلارغا ئەۋەتىلىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ تەستىقى زورۈر.
چوڭقۇر تەسىر
بۇ ھاياتىي مۇھىم ئېلېمېنتلارغا ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى ۋە ئىككى تەرەپ بۇ ھەپتە لوندوندا ئۇچراشتى.
ئاسىيا جەمئىيىتى سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي تەھلىل مەركىزىدىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسى پائۇل ترىئولو دۈشەنبە كۈنى توردا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا: «نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى مەسىلىسى (...) ئامېرىكادىكى زاۋۇتلاردا يۈز بەرگەن توختاپ قېلىشلار سەۋەبىدىن سودا سۆھبەتلىرىنىڭ باشقا ماددىلىرىنىڭ ئالدىدا تۇردى» دېدى.
ترىئولو، ئامېرىكانىڭ ماشىنا گىگانتى فورد نىڭ Explorer SUV مودېلىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا مەجبۇرلىغان بۇ ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ «ئاق ساراينىڭ ھەقىقەتەن دىققىتىنى تارتقانلىقىنى» ئېيتتى.
ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر «كېلىشىم رامكىسى» ئۈستىدە كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرىغا ئېرىشىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلەرنىڭ ئاخىرىدا «ھەل بولىدىغانلىقى» غا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى ئەۋزەللىكى
ئىجازەتنامىلەرنىڭ بېرىلىشىدىكى ئاستىلاش، تېخىمۇ كۆپ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مال توشۇلۇشىنى كۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتتى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ھەپتە ئاخىرىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا «مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت» بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم ساندىكى ئېكسپورت ئىلتىماسىنى تەستىقلىغانلىقىنى ۋە «مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىئالوگنى كۈچەيتىشكە ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
بىراق بۇ توختاپ قېلىش، سودا ۋە گېئوسىياسىي جىددىيچىلىكلەر چوڭقۇرلاشقاندىمۇ، ۋاشىنگتوننىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن خىتاينىڭ نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.
ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىدىكى ھالقىلىق مىنېراللار بىخەتەرلىك پىلانىدىن گراسېلىن باسكاران ۋە مېرېدىس شۋارتنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەھلىلىگەئاساسلانغاندا، بىر دانە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدا 900 فوند (400 كىلوگرامدىن ئارتۇق) نادىر تۇپراق ئېلېمېنتى ئىشلىتىلىدۇ.
«كان قېزىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش قابىلىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ئامېرىكانىڭ مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە ئارقىدا قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
پەرقلەرنى تولدۇرۇش ئويۇنى
يېقىنقى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرى خىتاينىڭ نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىشى ئەمەس.
2010 - يىلىدىمۇ بىر خىتاي ترال پاراخوتى بىلەن ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ پاراخوتلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىلىق دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن دېڭىز توقۇنۇشىدىن كېيىن، خىتاي نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنىڭ توكيوغا توشۇلۇشىنى قىسقا ۋاقىت توختاتقان ئىدى.
بۇ ۋەقە ياپونىيەنى باشقا مەنبەلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ۋە ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئېلېمېنتلارنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتىشكە ئۈندىگەن ۋە چەكلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىدى.
ترىئولو بۇنىڭ «خىتايغا بولغان بېقىندىلىقنى ئازايتىشنىڭ قىيىنلىقىنىڭ ياخشى بىر مىسالى» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ۋەقەدىن بۇيانقى 15 يىلدا ياپونىيەنىڭ پەقەت «چەكلىك نەتىجىلەر» گە ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
پېنتاگون 2027 - يىلىغىچە ئاساسلىق تەركىبلەر ئۈچۈن پۈتۈنلەي يەرلىك تەمىنلەش زەنجىرىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى نىشان قىلغان «كاندىن ماگنىتقىچە» ئىستراتېگىيەسى بىلەن پەرقلەرنى تولدۇرۇشقا تىرىشماقتا.
ۋاشىنگتوننىڭ ناتدىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقى، تەلەيگە يارىشا خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زاپاسقا ئىگە بولۇشى بىلەن تېخىمۇ ئېغىرلاشماقتا.
ING دىن رىكو لۇمان ۋە ئېۋا مانتېي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان تەھلىلىدە: «كان قېزىشقا ماس كېلىدىغان قويۇقلۇق باشقا كۆپلىگەن مىنېرال مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا ئاز ئۇچرايدۇ ۋە بۇ قېزىپ چىقىرىش جەريانىنى تېخىمۇ قىممەتلەشتۈرىدۇ» دەپ يازغان ئىدى.
نادىر تۇپراق ئېلېمېنتلىرىنى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم قىلىدىغىنى دەل بۇ مۇرەككەپ ۋە قىممەت بولغان قېزىپ چىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدۇر.
«بۇ خىتاينى كۈچلۈك سودىلىشىش كوزىرىغا ئىگە قىلماقتا»