جۇمھۇر رەئىس، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەھبىرى ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
سىلەرنىڭمۇ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقىنىڭلاردەك، دۇنيا يېڭى ۋە چوڭقۇر بىر ئۆزگىرىشنىڭ بوسۇغىسىدا بولۇشنىڭ ئاغرىقلىرىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. رايونىمىزمۇ شىمالىي ۋە جەنۇبىي بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشلارنىڭ، توقۇنۇشلارنىڭ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ، زۇلۇملارنىڭ گىرداۋىدا لاۋۇلداپ كۆيمەكتە. مانا مۇشۇنداق بىر مۇھىتتا جۇمھۇر ئىتتىپاقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىخىي بىر مەسئۇلىيەت بىلەن يۈزلەشمەكتىمىز. تۈركىيەنىڭ ھەم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەم ئىجتىمائىي تىنچلىقىنى كۈچەيتىش، ھەمدە ئۇلۇغۋار نىشانلىرىمىزغا قاراپ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىۋاتىمىز.
جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرىدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خىزمەت قىلىۋاتىمىز.
كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ مەنزىرە پەقەت ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەنلا، جۇمھۇر ئىتتىپاقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان دەرىجىدە ئىنتايىن مۇھىمدۇر. سىياسەت رامكىسىنىڭ قايسى تەرىپىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنى بۇ دۆلەتكە، بۇ مىللەتكە قارىتا مەسئۇل دەپ ھېس قىلغان ھەربىر شەخس بۇ كۈرەشنى قوللىشى، تۆھپە قوشۇشى كېرەك، ھېچبولمىغاندا ۋەيران قىلغۇچى ئۆكتىچىلىكتىن ساقلىنىشى كېرەك. مەسىلە ۋەتەن، مىللەت ۋە دۆلەت بولسا، قالغىنى پەقەت بىرەر تەپسىلاتتۇر. دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مىللىي مەسىلىلەردە ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىر گەۋدە ھالىتىدە پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقى – بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. شەخسەن بىزمۇ يېرىم ئەسىرگە يېقىنلاشقان سىياسىي ھاياتىمىزنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق قىلدۇق. ئايرىغۇچى ئەمەس، بىرلەشتۈرگۈچى، قۇتۇپلاشتۇرغۇچى ئەمەس، قۇچاقلاشتۇرغۇچى، ئورتاق قىممەت-قاراشلار ئەتراپىدا جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىنى بىرلەشتۈرىدىغان سىياسەتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە خىزمەت قىلىش يولىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق ۋە كۆرسىتىۋاتىمىز.
بەزى دۆلەتلەردىن كۆپ ۋاقىتلاردا ئارزۇ قىلغان مۇئامىلىنى كۆرمىسەكمۇ، قېرىنداشلىق سىياسىتىمىزدىن، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقىمىزگە پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش سىياسىتىمىزدىن ئەسلا ۋاز كەچمىدۇق. 2001-يىل 14 – ئاۋغۇستتىن بۇيان خۇددى ئاتاقلىق ئالىم يۇنۇس ئەمرە ئېيتقاندەك: ‹مەن كەلمىدىم دەۋا ئۈچۈن، مېنىڭ ئىشىم سۆيگۈ ئۈچۈن. دوستنىڭ ئۆيى كۆڭۈللەردۇر. بۇ ئۆينى كۆڭۈللەرگە سالغىلى كەلدىم› دەۋاتىمىز. پەقەت ۋەتەن تۇپراقلىرى ئۈستىدىلا ئەمەس، رايونىمىزدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادا تىنچلىقنىڭ، ھۇزۇرنىڭ، ئادالەتنىڭ ۋە ھەمكارلىق روھىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. تۈركىيە دۇنيا سىياسىتىنىڭ قۇتۇپ باشلىرىدىن بىرى بولۇش رولىنى كۈندىن-كۈنگە كۈچلەندۈرمەكتە. مىڭىنچى كۈنىنى ئارقىدا قالدۇرغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە 14-ئېيىغا قەدەم قويغان غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇغراپىيەمىزدىكى بارلىق كىرىزىسلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئەستايىدىللىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز. ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا ھاسەل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. ساھەدە تىنچلىقنىڭ ساقلىنىشى نۇقتىسىدا بارلىق تەرەپلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غەززەدە قىرغىنچىلىقنىڭ توختىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ھەر جەھەتتىن تۆھپە قوشۇشقا ھەردائىم تەييار ئىكەنلىكىمىزنى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلايمەن.
غايىمىز مىللەت، نىشانىمىز بۈيۈك تۈركىيەدۇر.
بىز بارلىق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىمىزنى سىياسىي كىملىكىمىز بىلەن ئەمەس، ھەممىدىن ئاۋۋال بۇ دۆلەتنىڭ ۋە مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمىز. نىشانىمىز تەۋە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ھەردائىم شەرەپلىك ھېس قىلىدىغان ئەزىز خەلقىمىزگە ئەڭ ياخشى شەكىلدە خىزمەت قىلىشتۇر. شۇنداقلا بارلىق مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئۈمىدى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى ھەر ساھەدە گۈللەندۈرۈش، كۈچلۈك، باياشات، مۆتىۋەر، مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشتۇر. غايىمىز مىللەت، نىشانىمىز بۈيۈك تۈركىيەدۇر. تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى مۇساپىسى نىشانىغا يېتىشنىڭ ھەقلىق ئىپتىخارى ۋە ھاياجىنى ئىچىدىمىز. ۋەدە بەردۇق، قەسەم قىلدۇق. تەۋرەنمەس بىر ئېتىقاد بىلەن نىشانىمىزغا قارا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىمىز. ئاللاھنىڭ ئىنايىتى ۋە ياردىمى بىلەن تۈركىيەنىڭ 100 يىللىق قۇتلۇق دەۋرى مۇساپىسى نىشانىمىزغا چوقۇم يېتىمىز.