تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتاتۈركىيە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلقئارا ئورگانلارنى ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شەكىلدە قايتا ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا.
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا / AP
28 de febrero de 2025

تۈركىيەنىڭ بۇ چاقىرىقىنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىماقتا.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئىسلاھ قىلىش دىيالوگىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە 20 دۆلەتتە زەنجىرسىمان خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.

«تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» تېمىسى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ يىغىنلار، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك  ئاممىۋى ئۇچۇر - ئالاقە مۇنبىرى پىروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئاۋىستىرىيە، شىۋېيتسارىيە، ۋېنگىرىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى رىمدا داۋاملاشتى. ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە بولسا ياۋروپانىڭ مۇھىم پايتەختلىرىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋىدېيولۇق بىر باياناتىدا، «جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغاننىڭ ‹دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ› دېگەن سۆزى، خەلقئارالىق تەرتىپنى ئادالەت ئاساسىدا قايتا ئورنىتىش نىشان قىلىنغان ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە سىگنالدۇر.»

بۇ يەردىكى ‹بەش›، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاينى كۆرسىتىدۇ.

بۇ تەشەببۇس تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قايتا ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسىدە دۇنياۋى دىپلوماتىك باياناتلارغا تەسىر كۆرسىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە خەلقئارا ئورگانلارنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا قايتا تەرتىپكە سېلىشنى ئىزچىل تۈردە تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

ئەمدى قانداق قەدەملەر تاشلىنىدۇ؟

زەنجىرسىمان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىلىرى فېۋرال ئېيى بويىچە ئەنگلىيە، پولشا، بېلگىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە داۋاملىشىدۇ.

ئالتۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئورگانلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىشنى ئاسانلاشتۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز پەقەت ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پۈتۈن دىققىتىمىزنى بۇ مەسىلىلەرگە ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرىنى تېپىشقىمۇ مەركەزلەشتۈرۈۋاتىمىز.

تۈركىيەنىڭ <كوللېكتىپ خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىگە چىن دىلىدىن ئىشەنمەكتە.»

تۈركىيەنىڭ بۇ تەشەببۇسى، كۆپ تەرەپلىك ئورگانلارنىڭ دۇنيا مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىشى – قىلالماسلىقىغا قارىتا تەنقىدلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بىر دەۋردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us