3 de marzo de 2025
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەر مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار دوكلاتلىرىدا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى يېقىنقى يىللاردا ھىندىستاندا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئاغدۇرماقتا. لېكىن يېڭى دېھلى بۇ دوكلاتلارنىڭ «چوڭقۇر بىر تەرەپلىمە قاراش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا بىر يەرگە جەم بولدى. ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتا قورال - ياراغ سېتىشتىن تىجارەتكىچە ھەر خىل تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ئەمما جامائەتچىلىككە بەرگەن باياناتلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىكلىرى قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتتى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەر يېقىنقى يىللاردا ۋاشىنگتوندا ھەر ئىككى پارتىيەنىڭمۇ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىلمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى ھىندىستاننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سودىنى ئاشۇرۇپ ۋە خىتايغا قارشى بىر شېرىك سۈپىتىدە ئالدىنقى پىلانغا چىقىپ ئېرىشكەن تەسىرىدۇر. ترامپنىڭ ئىككىنچى پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە بۇ يۆنىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئىككى رەھبەر ئاقسارايدىكى ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەرگەن باياناتلىرىدا، ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ھېچ تىلغا ئالمىدى. شۇنداقلا، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغان باياناتلىرىدىنىمۇ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە قىلچە توختالمىدى.
Wilson Center تەتقىقات مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىنستىتۇتى دىرېكتورى مايكېل كۇگېلمان: «ترامپنىڭ ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە قانداقتۇر بىرەر پوزىتسىيە تۇتۇشى بەك مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ترامپنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مەنپەئەتنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغانلىقىدۇر، شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدىكى مەسىلىلەرگە بەك ئاز ئورۇن بېرىشىدۇر» دېدى.
سابىق پىرېزىدېنت جو بايدىنمۇ ھىندىستان بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەرنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى ئانتونى بلىنكېن بەزىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر دۇچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىبلىگەنىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىدا، يېقىنقى يىللاردا ھىندىستاندىكى يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلماقا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرى بۇنىڭغا ئاغدۇرۇلماقتا. يېڭى دېھلى بولسا بۇ دوكلاتلارنىڭ «چوڭقۇر بىر تەرەپلىمە قاراش» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
Chatham House تەتقىقات ئورنىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى چىيېتىگج باجپايى، مودى بىلەن ترامپنى «كۈچلۈك رەھبەر» دەپ سۈپەتلىدى ھەمدە ھەر ئىككىسىنىڭ ئورتاق چۈشەنچىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
Wilson Center تەتقىقات مەركىزىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىنستىتۇتى دىرېكتورى مايكېل كۇگېلمان بولسا ترامپ بىلەن مودىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردە ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.