ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە 84 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھەج پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇردى
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈركىيەنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ تەپسىلىي ئەشيا ئوبوروتى ھەرىكەتلىرىدىن بىرىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە 84 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ھەج پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇردى
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش / AA
May 28, 2025

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ھەج ئىبادەتلىرى جەريانىدا تۈركىيەلىك ھەج قىلغۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن بىر ئەترەتنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.

 تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش چارشەنبە كۈنى مەككە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ يىل تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا 84 مىڭ 942 ھاجى نامزاتى ئەۋەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەلىك ھەج قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى مەككە ۋە مەدىنەگە يېتىپ بارغان بولۇپ، قالغانلىرىنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مۇقەددەس شەھەرلەرگە يېتىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە. تۈركىيەلىك ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ 60 بولۇشى بۇ مەنىۋى سەپەرگە ئاتلانغانلارنىڭ ياشىنىپ قالغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 ئەرباش ھەج پائالىيىتىنىڭ مۇشەققەتلىك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە پۇقرالارنىڭ ھەج ئىبادىتىنى ھەر جەھەتتىن ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئادا قىلىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە،  تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ھەج قىلغۇچىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىش، ساقلىقنى ساقلاش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى قوللاش قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

جەمئىي 71 نەپەر مۇتەخەسسىس دىنىي ئالىم ۋە 418 نەپەر ئايال دىنىي خادىم ئىرشاد (مەنىۋى يېتەكچى) ھەج پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلەندى، 392 نەپەر گۇرۇپپا باشلىقى ۋە 1840 نەپەر خادىم ھەج قىلغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىندى.

ئەلى ئەرباش ھەج ئىبادىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:  

«بىز ھەج ئىبادىتىنى پەقەت ھەج قىلىش دەپلا قارىمايمىز، بەلكى چوڭقۇر تەلىم - تەربىيە ۋە مەنىۋى سەپەر دەپمۇ قارايمىز.

ھەر بىر ھەج قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەجرىبە – ساۋاقلارنى يەكۈنلىگەن ھالدا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

 ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرى بولغان ئەرەفاتتا تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەرباش، ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك چېدىرلارنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ۋە كېسەل ياكى ياشانغان ھەج قىلغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق بىر دوختۇرخانىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇ يەردىكى ۋاقتىمىز قىسقا بولسىمۇ، ئاساسلىقى ياشانغان ۋە جىسمانىي جەھەتتىن مېيىپ ھاجىلىرىمىزنىڭ بارلىق قاتناش ئىشلىرىنى ماشىنىلار بىلەن ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردۇق، ھەمدە تېببىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە ۋاقىتلىق بىر دوختۇرخانا قۇردۇق.»

بۇنىڭدىن باشقا يەنە،  تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەقەملىك خىزمەتلەر ئەترىتى، ئاخبارات ئىشخانىسى ۋە تېلېۋىزىيە قانىلىمۇ ئاخبارات ۋە ئالاقە جەھەتتىن ھەج قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مۇقەددەس جايلاردا تۇرماقتا.

 سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق

 ئەرباش سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۈچلۈك ھەمكارلىقى ۋە قوللىشى ئۈچۈن چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ئىشلىرى ۋىزارىتى بىلەن بولغان خىزمەت مۇناسىۋەتلىرىمىز ئىنتايىن ياخشى. ئۇلارنىڭ ھەج قىلغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەسىلىسىدىكى پىداكارلىقى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ، مەن بۇ دوستانە ۋە قېرىنداش دۆلەت دائىرىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.»

Hajj memoirs as a cornerstone of Turkish identity & culture

In 1947, a sight of a Turkish flag on a haji's ship at Jeddah Islamic seaport would move locals to tears as it served as a reminder of Turkiye's historical mission in Mecca and Medina, a memory to be preserved for future generations.

🔗

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us