مىسىردىكى ھاتشەپسۇت ئىبادەتخانىسىدا يېڭى ئەسەرلەر بايقالدى
مەدەنىيەت
1 مىنۇت ئوقۇش
مىسىردىكى ھاتشەپسۇت ئىبادەتخانىسىدا يېڭى ئەسەرلەر بايقالدىمىسىر ساياھەت ۋە قەدىمكىي ئەسەرلەر مىنىستىرلىقى لۇكسوردىكى دەير ئەل-باھرى رايونىدا تېپىلغان خانىش ھاتشەپسۇت ئىبادەتخانىسى ۋە خانىش تېتىنىڭ ساراي باشقۇرغۇچىسى شېرىنىڭ قەبرىسىدە مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.
مىسىردىكى ھاتشەپسۇت ئىبادەتخانىسى / Archivo AFP
5 במרץ 2025

لۇكسور ۋالىيسى ئابدۇلمۇتتەلىب ئامارا قەدىمكىي ئەسەرلەر ئالىي كېڭىشى باش كاتىپى مۇھەممەد ئىسمائىل ۋە مىسىر ئارخېئولوگى دوكتور زاھى ھاۋاسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەتبۇئات يىغىنىدا، 2022-يىلىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان رايوندا قېزىش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «زاھى ھاۋاس ئارخېئولوگىيە ۋە مىراس ۋەخپى» بىلەن قەدىمكىي ئەسەرلەر ئالىي كېڭىشىگە قاراشلىق ئورتاق ئارخېئولوگىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچ يىللىق خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە بۇ مۇھىم بايقاشلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكتور ھاۋاس بايقالغان تېپىلمىلار ئارىسىدا، خانىش ھاتشەپسۇتنىڭ دەپنە قىلىنىش ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاساسىي كىرىش دەرۋازىسى دەپ قارالغان «جىلغا ئىبادەتخانىسى» نىڭ ئاساسىي قالدۇقلىرى، ھاتشەپسۇت دەۋرىگە ئائىت نادىر ۋە تەڭداشسىز رېليېفلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ بۇ رېليېفلارنىڭ مىسىر مۇزېيىلىرىدا ناھايىتى ئاز نۇسخىسى بار بولغان، ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ ئەڭ گۈزەل نەمۇنىلىرىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، تېپىلغان رېليېفلارنىڭ، رامسېس دەۋرىدە ۋە 19-سۇلالە (مىلادىدىن ئىلگىرى 1292-1186) جەريانىدا بۇزۇلغان جىلغا ئىبادەتخانىسى قالدۇقلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ساقلانغان پارچىلىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ بايقاشلار قەدىمكىي مىسىر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا. لۇكسور رايونىنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەڭداشسىز ئەسەرلەر بىلەن تولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us