ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان خادىملار سۈپىتىدە ئەيىبلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مىنىستىرلىق چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنى ياللاپ، ئۇلاردىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گۇماندارلارنىڭ يۈەنسې چېن (38 ياش) ۋە لىرېن «رايان» لەي (39 ياش) ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ جۈمە كۈنى قولغا ئېلىنىپ، دۈشەنبە كۈنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېكساس ئىشتاتىنىڭ ھىيۇستون ۋە ئورېگون ئىشتاتىنىڭ پورتلاند شەھەرلىرىدە تۇنجى قېتىم سوتقا چىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىشىلەر خىتاينىڭ ئاساسلىق پۇقرالار ئىستىخبارات ئورگىنى بولغان دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا زېمىنىدا مەخپىي ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان دەپ قارالماقتا ئىكەن.
تەپتىشلەرنىڭ دەۋاسىغا ئاساسلانغاندا، چېن ۋە لەي ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈش، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ھەققىدە ئىستىخبارات توپلاش ۋە ھەربىي سەپتىكى خادىملارنى خىتاي ئىستىخباراتىغا ياردەم بېرىشكە قىزىقتۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
«بىخەتەرلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۇرۇنۇشى»
باش تەپتىش پامېلا بوندى بۇ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى بېيجىڭنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىنى ئىچىدىن ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كەڭ كۆلەملىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتتى.
بوندى باياناتىدا: «بۇ دېلو، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەمىزگە سىڭىپ كىرىش ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى ئىچىدىن بۇزۇشقا قاراتقان ئۈزلۈكسىز ۋە تاجاۋۇزچى ئۇرۇنۇشىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ» دېدى.
بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقان فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كاش پاتېل، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەندىشىسىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىدارىنىڭ ئامېرىكانى نىشان قىلغان چەت ئەل ئىستىخبارات تەھدىتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.
پاتېل: «بىز خىتاينىڭ چېگرىمىزغا سىڭىپ كىرىشكە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى، ھوشيارلىق بىلەن ۋەتەننى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ئەيىبلەشلەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب بەرمىدى.