تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، رايوندىكى باشقا ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ئەيىبلەيدىغان باياناتنى ماقۇللىدى.
چارشەنبە كۈنى «رەسمىي گېزىت»تە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پارلامېنت ئەزالىرى ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىشغالىيىتى، سىستېمىلىق زوراۋانلىقى ۋە غەززەدە مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان يېقىنقى بومباردىمانلىرى بىلەن «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا «ئىغۋاگەرچىلىك ۋە تەھدىت خاراكتېرلىك بىر قەدەم» دەپ باھا بېرىلىپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ رايوننى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش خەۋپى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلدى.
باياناتتا: «بىز ئىسرائىلىيەنىڭ بولۇپمۇ غەززە خەلقىگە قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، رايون تىنچلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى ۋە ئاخىرىدا ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى «رايوندىكى بارلىق بىگۇناھ خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى»، دىپلوماتىيە ئارقىلىق مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەجلىس يەنە خەلقئارالىق ئورگانلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنى سۈكۈتنى بۇزۇشقا چاقىرىپ، دۆلەت ھىمايىسىدىكى زوراۋانلىق دەپ قارالغان بۇ ھەرىكەتلەر ئالدىدا «قانۇن ۋە دىپلوماتىيە ئاساسىدا مەسئۇلىيەت» نى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
17-ئىيۇن ماقۇللانغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خىتاب قىلىنغان بۇ باياناتتا، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئادالەت ئورنىتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.