سىياسەت
5 مىنۇت ئوقۇش
لىۋان يېڭى رەھبەرلىك بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالىدىمۇ؟
يېڭى پىرېزىدېنت جوزېف ئاۋن ھىزبۇللاھ قوللىمىغان ئەھۋالدا، باش مىنىستىرلىققا كۆرسەتكەن ناۋاف سالام پەقەت دۆلەتنىڭلا قورال تۇتۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
لىۋان يېڭى رەھبەرلىك بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالىدىمۇ؟
یېڭى سايلانغان لىۋان پىرېزىدېنتى جوزىف ئاۋن
March 4, 2025

جوزېف ئاۋننىڭ لىۋان پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلىنىشى ۋە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ناۋاف سالامنى كۆرسىتىشى، ئۇزۇن مۇددەت دۆلەتنىڭ جەمئىيەت ۋە سىياسەت ساھەسىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن شىئە قوراللىق گۇرۇھى-ھىزبۇللاھنىڭ تەسىرىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىران قوللىشى ئاستىدىكى ھىزبۇللاھنىڭ ئۇزۇن يىللىق رەھبىرى ھەسەن نەسرۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە مىڭلىغان ئەزالىرىنى نىشانغا ئالغان قاقشاتقۇچ ھۇجۇملاردىن كېيىن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.

جوزېف ئاۋننىڭ سايلىنىشى

ئاۋننىڭ سايلىنىشى 2022-يىلدىن بۇيان پارلامېنتتىكى كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن بوش قالغان ئورۇننى تولدۇردى ۋە دۆلەتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سىياسىي شەخسلىرىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن قائىدە-تۈزۈملەرنى يۇمشىتىشقا رازى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.

لىۋان ئاساسىي قانۇنىغا كۆرە، ئارمىيە قوماندانىنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشى ئانچە مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئوتتۇرا دېڭىز دۆلىتىنىڭ سىياسىي ئاكتىيورلىرى ئاۋننىڭ بۇ ۋەزىپىگە لايىق ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلمىدى. لىۋان تارىخى ۋە دىنىي گۇرۇپپىلىرى توغرىسىدىكى مۇتەخەسسىس تۇبا يىلدىزنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال «تېخىمۇ چوڭ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن» جىمجىتلىق بىلەن قوبۇل قىلىندى.

2017-يىلدىن بۇيان دۆلەتنىڭ پارچىلانغان رەسمىي قوراللىق كۈچلىرىنى باشقۇرۇپ كەلگەن يېڭى پىرېزىدېنتى ئاۋن، لىۋاننىڭ كونا مۇستەملىكە كۈچلىرى بولغان ئامېرىكا بىلەن فىرانسىيەنىڭ،  بۇنىڭدىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

ئاۋن لىۋاننىڭ گۇرۇپپىلارغا ئاساسلانغان سىياسىي سىستېمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە سەلەفىلىرىگە ئوخشاش مارۇنى خرىستىئان. ئەمما، يىلدىزنىڭ قارىشىچە، ئاۋن سەلەفىلىرىدىن روشەن پەرقلەرگە ئىگە.

ھىزبۇللاھ بىلەن ئوتتۇرىغا ئارىلىق قويۇش

ئاۋننىڭ ھىزبۇللاھ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىدىن يىراق تۇرۇشى، ئۇنى ھەم شىئە گۇرۇھى ھەم ئاغدۇرۇلغان سۈرىيە رەھبىرى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەتكە ئىگە بولغان مىشېل ئاۋنغا ئوخشاش رەئىسلەردىن پەرقلەندۈرىدۇ. بۇ ئارىدا، جوزېف ئاۋن بىلەن مىشېل ئاۋننىڭ ئوخشاش فامىلىگە ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق تۇغقاندارچىلىقى يوق.

يىلدىزنىڭ قارىشىچە، ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولغان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، ئارمىيە قوماندانىنىڭ بۇ يۇقىرى ۋەزىپىگە سايلىنىشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.

يىلدىز ت ر ت (TRT World) ۋورلدقا بەرگەن باياناتىدا، «لىۋاندا ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيان سايلانغان پىرېزىدېنتلارنىڭ كۆپىنچىسى، بائاس ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى سۈرىيەنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن سايلانغان ئىدى» دەيدۇ.

مەزھەپ سىياسىتى ۋە ناۋاف سالامنىڭ رولى

ھىزبۇللاھ قوللايدىغان مارۇنى سىياسىي شەخسلەردىن بىرى بولغان سۇلەيمان فرانجىيەھ، ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە نامزاتلىقتىن چېكىنىپ جوزېف ئاۋننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىلدىزنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال ھىزبۇللاھنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىكى ئاجىزلاشقان تەسىرىنى نامايان قىلىدىغان بولۇپ، ھىزبۇللاھ قوللىغان پارلامېنت ئەزالىرى ئاۋننىڭ گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوللىشىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە سايلامنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا قاتناشمىدى، ئەمما ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا ئاۋنغا ئاۋاز بەردى.

يىلدىز: «ھىزبۇللاھ جوزېف ئاۋننىڭ سايلىنىشىنى توسۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سىياسىي رېئاللىقلار سەۋەبىدىن نەتىجىسىز قالىدىغانلىقىنى بايقىدى» دەيدۇ.

كېلىپ چىقىشى ئىران ۋە كانادالىق سىياسىي ئانالىزچى گونچەھ تازمىنى، ئاۋننىڭ سايلىنىشىنى ئىران رەھبەرلىكىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ «ئاجىزلاشقان تەسىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى» دەيدۇ.

ھىزبۇللاھ، ئاغدۇرۇلغان سۈرىيەدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى، ئىراقتىكى شىئە گۇرۇپپىلىرى، يەمەندىكى خۇسىيلار ۋە ھاماس، بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش سېپىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

تازمىنى ت ر ت ۋورلدقا بەرگەن باياناتىدا، «لىۋان سىياسىتىدە يىگىرمە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ھۆكۈمران بولغان بۇ گۇرۇھ، ئىسرائىلىيە بىلەن 14 ئايلىق توقۇنۇشتا ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئىراننىڭ قورال يۆتكىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئىتتىپاقدىشى ئەسەدنىڭ ئاجىزلىشىشى» دەيدۇ.

مەزھەپ سىياسىتى

ئاۋننىڭ ھەقىقىي سىياسىي تەجرىبىسى بولمىسىمۇ، يىلدىز بۇ ئەھۋالنىڭ ھەم ئۆزى ھەم دۆلەت ئۈچۈن بىر ئارتۇقچىلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئاۋننىڭ پارلامېنتتا ئۇزۇن مۇددەت مەزھەپ سىزىقلىرى بويىچە بۆلۈنگەن ھەرقانداق  بىر گۇرۇپپا بىلەن باغلىنىشى يوق.

يىلدىز يەنە لىۋاننىڭ «سىستېمىلاشقان مەزھەپچىلىك قۇرۇلمىسى» غا ئىشارەت قىلىپ، ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى يوق قىلىشتەك ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مەسىلىلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولۇشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

لىۋان 5 مىليوندىن سەل كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە بولۇشىغا قارىماي، كەڭ خرىستىيان، سۈننى ۋە شىئە مۇسۇلمان نوپۇسلىرىدىن باشقا دۈرزى قاتارلىق ئېتنىك-دىنىي گۇرۇپپىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمى، مىللىي پارتىيەلەر ئەمەس، بۇ دىنىي گۇرۇپپىلارنى تەمسىل قىلىدىغان پارتىيەلەرگە تايىنىدۇ.

لىۋاندا پىرېزىدېنت ھەر دائىم بىر مارۇنى، باش ۋەزىر بىر سۈننى مۇسۇلمان ۋە پارلامېنت رەئىسى بىر شىئە مۇسۇلمان بولىدۇ. پارلامېنت ھەم ئوخشىمىغان تاشقى كۈچلەر بىلەن تىزىلغان بۆلۈنگەن مەزھەپ كۈچلىرىنىڭ بىر سەھنىسى ئورنىدا.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئەنئەنىۋى جەھەتتىن لىۋاندىكى سۈننى گۇرۇپپىلارغا چوڭ تەسىر كۆرسەتسە، ئىران دۆلەتنىڭ شىئە گۇرۇپپىلىرىنى قوللايدۇ. خرىستىيان گۇرۇپپىلارنىڭ بولسا غەرب كۈچلىرى بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشلىرى بار.

بىراق، دۆلەتنىڭ مۇرەككەپ سىياسىي قۇرۇلمىسى، بەزىدە غەلىتە ئىتتىپاقلارغىمۇ سەھنە بولدى. مەسىلەن، سابىق پىرېزىدېنت مىشېل ئاۋن، شىئە مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ئىران بىلەن خىزمەت مۇناسىۋىتى قۇرغان بولسا، ھازىرقى پىرېزىدېنت سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتكە ئىگە.

تازمىنى، ئاۋننىڭ بۇ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، «چوڭ قىيىنچىلىقلار» بىلەن دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رايونلۇق مەنپەئەتلىرى بىلەن ماسلىشالىشىغا قارىماي، ئاۋننىڭ مۇنبىرى، لىۋاننىڭ مۇرەككەپ مەزھەپكە ئاساسلانغان ھوقۇق تەقسىملەش سىستېمىسىدا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشتەك مۈشكۈل بىر ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تازمىنى چۈشەندۈرىشىگە، «ئالتە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي چۈشكۈنلۈكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چوڭقۇر سىياسىي بۆلۈنۈشلەر ۋە تۆۋەن ئاممىۋى ئىشەنچ بىلەن كۈرەش قىلىش ناھايىتى قىيىن بىر ۋەزىپە بولىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

 

نوپۇزلۇق يېڭى باش مىنىستىر

لىۋاننىڭ مۇرەككەپ سىياسىي قۇرۇلمىسىغا قارىماي، باش مىنىستىر نامزاتى ناۋاف سالام، ھەم خەلقئارالىق ھەم يەرلىك سەھنىدە يېتەرلىك ۋە ئادالەت جەھەتتە تونۇلغان بىر شەخس. سالام ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى رەھىمسىز ھۇجۇملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارلىرى بىلەن دىققەت تارتقان خەلقئارالىق ئادالەت دىۋانىنىڭ سابىق رەئىسى.

يىلدىزنىڭ قارىشىچە، سالام 2022-يىلى باش مىنىستىرلىققا نامزات بولغان، ئەمما شۇ مەزگىلدە ھىزبۇللاھنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن مىكاتى سايلانغان.

ناۋاف سالامنىڭ دىپلوماتىك جەھەتتىن يېتەرلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى، ئونلىغان يىللاردىن بۇيان تاشقى ئارىلىشىشنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بولۇپ كەلگەن لىۋاننىڭ سىياسىي كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلالىشى مۇمكىن. ئۇ دۆلەتنىڭ قورال تۇتۇش مونوپوللۇقىنى تىلغا ئېلىپ، «لىۋان دۆلىتىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈن زېمىنىغا كېڭەيتىش» نى ۋە ھىزبۇللاھنىڭ جەنۇبىي لىۋاندىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلغان ب د ت نىڭ 1701 – نومۇرلۇق قارارىنى تولۇق مەنىدە يولغا قويۇش ۋەدىسىنى بەردى.

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us