سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان: ھىندىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 40 پۇقرا ۋە 11 ئەسكەر ئۆلدى
پاكىستان ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 40 پۇقرا ۋە 11 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
پاكىستان: ھىندىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 40 پۇقرا  ۋە 11 ئەسكەر ئۆلدى
/ AP
13 мая 2025 г.

پاكىستان ئارمىيەسى ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 40 پۇقرا ۋە 11 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئومۇميۈزلۈك قوراللىق توقۇنۇشقا يېقىنلىشىپ قالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغانىدى.

ئامېركا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ھەپتە ئاخىرىدا يادرو قوراللىرىغا ئىگە رەقىب ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھىندىستان بىلەن بولغان ھەربىي توقۇنۇشلاردا 11 ھەربىي ئەسكەر بىلەن 40 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ھىندىستان بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا 7 ئايال بىلەن 15 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 121 كىشى يارىلاندى.»

باياناتتا يەنە، پاكىستان ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىدىن 11 ئەسكەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، 78 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەسكەرتىش: بۇ مەزمۇن ئۆزگىرىشچان خەۋەر بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us