ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) جون كېننېدى ئايرودورومىدا ئامېرىكا-گېرمانىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بىر كىشىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ شەھىرىدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ شۆبىسىگە مولوتوف كوكتېلى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئۆزگىرىشنى ئاممىغا ئېلان قىلدى.
28 ياشلىق جوسېف نېيۇمايېر ئەلچىخانا ئەسلىھەلىرىنى ئوت ياكى پارتلاتقۇچ ئىشلىتىپ ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، يەكشەنبە كۈنى سوتلاندى. فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ نېيۇمايېرنى ئامېرىكاغا چېگرادىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، نىيۇ-يوركقا يېتىپ كەلگەندە ئۇنى نازارەتكە ئالدى.
نېيۇمايېر تۇنجى سوتىنى نىيۇيوركنىڭ شەرقىي رايونىدا ئامېرىكا سوتچىسى پېگگى كو (Peggy Kuo) نىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزدى ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوتلىنىشى قارار قىلىندى.
ئەرزنامىگە ئاساسلانغاندا، نېيۇمايېر ئاپرېل ئېيىدا ئىسرائىلىيەگە كەلگەن ھەمدە 19-ماي تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىغا ئىچىدە ئۈچ دانە قولدا ياسالغان ئوت ئالغۇچى ا (مولوتوف كوكتېلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان) ئوت بومبىسى بار سومكا بىلەن يېقىنلاشقان.
تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار
نېيۇمايېرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىلىرىدا، «تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىنى كۆيدۈرگەندە ماڭا قوشۇلۇڭلار» دېگەندەك تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، نېيۇمايېرنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھاياتىغا تەھدىت دەپ قارالغان باشقا يازمىلىرىمۇ بايقالغان.
ئەدلىيە مىنىستىرى پامېلا بوندى ( (Pamela Bondi، «مىنىستىرلىق بۇ خىل زوراۋانلىققا يول قويمايدۇ ۋە بۇ جاۋابكارنى قانۇننىڭ ئەڭ ئېغىر ماددىلىرى بويىچە سوتلايدۇ» دېدى.
فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كاش پاتېل (Kash Patel) بولسا بۇ ئەھۋالنى «رەزىل ۋە زوراۋانلىق ھەرىكىتى» دەپ سۈپەتلىدى.
ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر جىنايىتى مۇئەييەنلەشسە نېيۇمايېرغا بەش يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىشى ۋە 250 مىڭ دوللارغىچە جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.
نېيۇمايېرنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىككى كۈن كېيىن، يەنە بىر كىشى ۋاشىنگتوندىكى بىر يەھۇدىي مۇزېيىنىڭ ئالدىدا ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.