رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن چېگرىلىنىدىغان بريانسك ئوبلاستىدا بىر كۆۋرۈكنىڭ تۆمۈر يول ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئوبلاست باشلىقى ئالېكساندىر بوگوماز، موسكۋا تۆمۈر يوللىرى شىركىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى «قاتناش تىجارىتىگە قانۇنسىز ئارىلىشىش» دەپ ئاتىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بريانسك ئوبلاست باشلىقى بوگوماز، شەنبە كۈنى تېلېگرام ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىر كۆۋرۈكنىڭ تۆمۈر يول رېلىسلىرى ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە يەتتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي ئوتتۇز يارىدار بريانسك ئوبلاستىدىكى سەھىيە ئورگانلىرىغا ئېۋەتىلدى» دېدى.
موسكۋا تۆمۈر يوللىرى شىركىتى: «كلىموۋ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا، بىر تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە بىر پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ قاتناش تىجارىتىگە قانۇنسىز ئارىلىشىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى» ئېلان قىلدى.
بوگوماز، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بارلىق خىزمەتلەر قىلىنىۋاتىدۇ» دېدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ غەربىي رايونلار ئارا قاتناش تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.