خىتاي ۋە ياپونىيە شەنبە كۈنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دېڭىزغا جايلاشقان تالاش-تارتىشلىق ئاراللارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىش مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى. ياپونىيە خىتاي ئەلچىسىنى چاقىرىپ رەسمىي نارازىلىق بىلدۈردى ۋە مۇنداق بىر ۋەقەنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.
بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي ياپونىيەگە تەۋە بىر ئاممىۋىي ئايروپىلانىنىڭ ئاراللاردىكى خىتاي ھاۋا بوشلۇقىغا «قانۇنسىز ھالدا كىرگەنلىكى» نى دەۋا قىلدى. بۇ ئەھۋالنىڭ، بىر دېڭىز مۇداپىئە پاراخوتىدىن تىك ئۇچار يوللاپ مەزكۇر ئايروپىلاننى يىراقلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ دەۋالار، ھەر خىل ئاخبارات دوكلاتلىرىدا ئورۇن ئالدى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۆت خىتاي دېڭىز مۇداپىئە پاراخوتى، خىتايلار <دىياۋيۇ> دەپ ئاتايدىغان، سەنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ دېڭىز تەۋلىكىگە قانۇنسىز كىرگەن ۋە ئاراللارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بىر تىك ئۇچار ئەۋەتكەن. ياپونىيەنىڭ ئاسىيا ۋە ئوكيانۇسىيە ئىشلىرى بيۇروسى باش مۇدىرى ماسائاكى كاناي، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن ئەلچىسىنى چاقىرىپ ياپونىيەنىڭ «كۈچلۈك نارازىلىق» ىنى يەتكۈزدى ۋە بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ قايتىلانماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرى باياناتچىسى ليۇ دېجۇن، دۆلەت ئاخباراتى گلوبال تايمسقا بەرگەن باياناتىدا، پاراخوتلارنىڭ «قانۇن بويىچە نورمال بىر كۆزىتىش» ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ياپونىيەگە تەۋە بىر ئاممىۋىي ئايروپىلانىنىڭ ئاراللارنىڭ خىتايغا تەۋە ھاۋا بوشلۇقىغا «قانۇنسىز ھالدا كىرگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى. بۇ ئەھۋالنىڭ، بىر تىك ئۇچار ئەۋەتىلىپ ئايروپىلاننىڭ يىراقلاشتۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.
باياناتچى، «دىياۋيۇ داۋ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئارالار خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىدۇر. ياپونىيە تەرەپنى بارلىق قانۇنسىز پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىمىز،» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
ئاندىن، «خىتاي دېڭىز مۇداپىئە قىسىملىرى، دىياۋيۇ داۋ دېڭىزى ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ھەق - ھوقۇنى قوغداش شۇنداقلا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھوقۇقلىرىنى قەتئىيلىك بىلەن قوغداشنى ئىزچىللاشتۇرىدۇ» دېدى.