دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «تولۇق كۈچى» نى ھېس قىلدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى يادرو ۋە ئىستىخبارات ئورۇنلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن «ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقى» نى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ جۈمە كۈنى ئەتىگەندە باشلىغان ھۇجۇملىرى ئىراننىڭ يادرو ۋە ھەربىي ئورۇنلىرىنى نىشان قىلغان بولۇپ، تېھراننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئارمىيە قوماندانلىرى ۋە ئاتوم مۇتەخەسسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ «ئايەتۇللاھ ھاكىمىيىتىنىڭ بارلىق نىشانلىرى» غا زەربە بېرىشكە ۋەدە بەردى، ئىرانمۇ ئەجەللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى بىلەن ئۆچ ئالدى.
ترامپ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىدىن ئىلگىرى خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە «Truth Social» سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «بۈگۈن كەچتە ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى» نى قايتا تەكىتلىدى.
ترامپ: «ئەگەر بىز ھەر قانداق شەكىلدە ئىراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىساق، ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تولۇق كۈچى ۋە قۇدرىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۈستۈڭلارغا ياغىدۇ» دېدى. ئۇ يەنە: «بىز ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئاسانلا بىر كېلىشىم ھاسىل قىلالايمىز ۋە بۇ قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرالايمىز!!!» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

«ئېنىق دەلىل»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراكچى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېھراننىڭ، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بۇ ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ تېھرانغا قارشى باشلىغان كەڭ كۆلەملىك بومباردىمان ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاراكچى دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان چەت ئەللىك دىپلوماتلار بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغىندا: «بىزنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرى ۋە رايوندىكى ئامېرىكا بازىلىرىنىڭ سىئونىست ھاكىمىيەتنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى قوللىغانلىقىغا دائىر ئېنىق دەلىللىرىمىز بار» دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۈمە كۈنى تېھراننى كېلىشىم تۈزۈشكە چاقىرىپ، بولمىسا ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن «تېخىمۇ رەھىمسىز» ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
سابىق پرېزىدېنت باراك ئوباما ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ھاسىل قىلىنغان ۋە ئىران بىلەن تۈزۈلگەن تارىخىي يادرو كېلىشىمى، ترامپنىڭ 2018-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا چېكىندۈرۈشى ۋە ئېمبارگولارنى قايتىدىن يولغا قويۇشى بىلەن بۇزۇلغان ئىدى.
