ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، سودا سۆھبەتلىرىدە ئۈستەلگە ئولتۇرۇشى كېرەك بولغان تەرەپنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ترامپ خىتاينى بويىڭ بىلەن تۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك كېلىشىمنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن بۇ پوزىتسىيەنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.
ئاق ساراي باياناتچىسى كارولىن لىۋىت، سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ «توپ ئەمدى خىتاينىڭ مەيدانىدا. خىتاي بىز بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.
«خىتاي بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئارىسىدا ھېچقانداق پەرقلىنىش يوق، بىردىنبىر پەرق ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولۇشىدا» دېگەننىمۇ قوشۇمچە قىلدى.
لىۋىتنىڭ بۇ باياناتلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ، خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بويىڭ بىلەن تۈزۈلگەن مۇھىم كېلىشىمنى بۇزغانلىقى ھەققىدىكى داۋاسىدىن كېيىن كەلدى. بۇ ئەيىبلەش، خىتاينىڭ ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرىگە بويىڭغا ئائىت يېڭى ئايروپىلانلارنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەنلىكىگە دائىر بلۇمبېرگنىڭ خەۋىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ۋە زاپچاسلارنى سېتىۋېلىشنى خىتاي ھاۋا يولللىرى شىركەتلىرىنىڭ توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ترامپ، «ترۇت سوشىئال» مۇنبىرىدە ھەمبەھىرلىگەن بىر ئۇچۇرىدا، «ئۇلار تولۇق ۋەدە قىلىنغان ئايروپىلانلارنى ‹قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى› ئېيتتى، بۇ ئارقىلىق چوڭ بويىڭ كېلىشىمىنى بۇزغان بولدى» دېدى. ئەمما ترامپ تىلغا ئالغان بويىڭ كېلىشىمى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بەرمىدى.
ترامپ، بۇ يىل بېشىدا پىرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغاندىن بۇيان، ھەم ئىتتىپاقداش ھەم رەقىب دۆلەتلەرگە يېڭى تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويدى. ئەمما ئەڭ قاتتىق زەربىنى خىتايغا قارشى قوللىنىپ، نۇرغۇن خىتاي ماللىرىغا %145 لىك قوشۇمچە باجنى يولغا قويدى.
ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، گېرمانىيەنىڭ ھەپتىلىك گېزىتى «دى تسايت» قا بەرگەن باياناتىدا، ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا %10 لىك باجنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئاوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇرەككەپلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.
ياۋروپا كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، مۇمكىن بولىدىغان سۆھبەتلەرگە ئالاقىدار سوئالغا، «بىز ياۋروپالىقلار پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىمىز، ئامېرىكىلىقلارمۇ ئوخشاشلا ئۆزلىرىنىڭ پوزىتسىيەلىرىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.
كانادا ھۆكۈمىتىمۇ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا قارىتىلغان تاموژنا بېجى نۇقتىسىدا باج كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بۇ كەچۈرۈم قىلىشنىڭ، شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى كانادادا داۋاملاشتۇرۇش شەرتىگە باغلىق بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئوتتاۋانىڭ بۇ تاشلىغان قەدىمى، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرى مۇھىم سانائەت ساھەسىنىڭ ئامېرىكاغا يۆتكىلىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن ئەندىشە پەيدا قىلدى.
ھۆرمەت قىلماسلىق
ترامپ، سەيشەنبە كۈنى «ترۇت سوشىئال» مۇنبىرىدە ھەمبەھىرلىگەن بىر ئۇچۇرىدا، خىتاينى بۇرۇنقى بىر سودا كېلىشىمىنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى. ترامپنىڭ تىلغا ئالغان كېلىشىمى، تۇنجى پىرېزىدېنتلىق دەۋرىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىپ كەتكەن تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنى ۋاقىتلىق توختىتىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن چۈشىنىشنامە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلەكتە.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، خىتاينىڭ پەقەت «سېتىۋېلىشقا ماقۇل بولغان مىقدارنىڭ ئاران بىر قىسمىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ سەلىپى جو بايدىن ھۆكۈمىتىگە «ھۆرمەت قىلمىغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان ترامپ، خىتايدىن قىلىنىدىغان ئىمپورتلارغا يۇقىرى تامۇژنا بېجى يولغا قويۇپ، نۇرغۇن ئامېرىكا سودا شېرىكلىرىگە %10 لىك «ئاساسلىق» باج ئىشلىتىشنى باشلىغان ئىدى.
ترامپ ھۆكۈمىتى، بۇ باجنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يانفۇن ۋە لاپتوپ قاتارلىق بەزى تېخنولوگىيە مەھسۇلاتلىرىغا دۇنياۋى %10 لىق تاموژنا بېجىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا قوللىنىلغان %125 لىك قوشۇمچە باجدىن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان باياناتتا ترامپ، ئامېرىكالىق دېھقانلارنىڭ سودا توقۇنۇشلىرى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم «قارشى تەرەپلىرىمىز بىلەن، مەسىلەن خىتاي بىلەن، ئالدىنقى سەپلەرگە جايلاشتۇرۇلغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى قوغداشقا ۋەدە بەردى.
خىتايدىن قىلىنىدىغان نۇرغۇن ئىمپورتلارغا، ھېلىھەممۇ %145 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلماقتا، ياكى ترامپنىڭ خىتاينىڭ فېنتانىل تەمىنات زەنجىرىدىكى رولى سەۋەبىدىن قوللانغان بۇرۇنقى %20 لىك باجلىرى داۋاملاشماقتا.
بۇنىڭغا قارىتا، خىتاي ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئۆچ ئېلىش خاكاتېرلىق باج نىسبەتلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، كېيىن ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىلغان ئىمپورت مەھسۇلاتلارغا چوڭ كۆلەملىك %125 لىك باجنى يولغا قويغان ئىدى.
بويىڭ شىركىتىنىڭ پايچېكلىرى سەيشەنبە كۈنى %2.4 قىممىتىنى يوقاتتى.