ئوچېرىك
6 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي، پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ كونا يولدا يېڭى مۇساپىنى باشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا
ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى، ئىسلامئاباد ۋە كابۇل دائىرىلىرىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا يول ئاچتى.
خىتاي، پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ كونا يولدا يېڭى مۇساپىنى باشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا
خىتاي، پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ كونا يولدا يېڭى مۇساپىنى باشلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا / Others
June 4, 2025

خىتاي، پاكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزگەن يۇقىرى دەرىجىلىك غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنى، رايونلۇق دىپلوماتىيە ۋە ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇش جەھەتتە يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەمىرخان مۇتتەقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەخپىي يېپىق يىغىنغا خىتاينىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى يۆ شياۋيوڭ ۋە پاكىستاننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى مۇھەممەد سادىق قاتناشتى.

بۇ باشلىقلار يىغىنى، 2017-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت مېخانىزمىنىڭ ھالقىلىق بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ.

باشلىقلار يىغىنىدا سىياسىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كونكرېت قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

كۈنتەرتىپ ماددىلىرى، خىتاينىڭ ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەسسەچىلىك رولىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايوندىكى يېڭى ۋەزىيەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشتىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەسىرىنىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ.

بۇ ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىق تەشەببۇسى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا يېقىنقى ھەربىي توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن مۇرەككەپ بىر سىياسىي ۋەزىيەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا.

 

پاكىستان-ئافغانىستان ئىختىلاپىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىللىرى

پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىلتىزىدا، تارىخىي، ئېتنىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئامىللارنىڭ مۇرەككەپ ئۆزئارا تەسىرى مەۋجۇت.

بۇ ئۇزاق داۋاملاشقان جىددىيچىلىكنىڭ مەركىزىدە، 1893-يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقى ئستىدىكى ھىندىستان بىلەن ئافغان ئەمىرلىكى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «دۇراند لىنىيەسى كېلىشىمى» مەۋجۇت.

نەچچە يىل داۋاملاشقان تالاش-تارتىشلار، «دۇراند لىنىيەسى» نىڭ قانۇنلۇق بولۇش-بولماسلىقىغا مەركەزلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ۋە مىللىي كىملىككە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.

ئافغانىستان بۇ لىنىيەنى رەسمىي چېگرا سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلمىغان ۋە چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پۇشتۇن جامائىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئارزۇسى پاكىستان تەرىپىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى دەپ قارىلىپ كەلگەن.

تالىبان ھاكىمىيىتى، ئافغانىستان تاشقى سىياسىتىدە بۇ ئەنئەنىۋى مەيدانىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

پاكىستان-تالىبان مۇناسىۋىتى، تالىباننىڭ ئافغانىستاندا تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرگەن 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان.

ئاخبارات مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان دۆلىتى، بولۇپمۇ ئىستىخبارات ئىدارىسى (ISI) ئارقىلىق، تالىبانغا ئەشيا ئوبوروتى، مالىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن.

بۇ ياردەم، تالىباننىڭ شىمالىي ئىتتىپاققا قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ھەمدە پەقەت ئىستراتېگىيەلىكلا ئەمەس، بەلكى مەزھەپ ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى يېقىنلىشىشنىمۇ ئەكس ئەتتۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Afghanistan joins Beijing's multibillion-dollar China-Pakistan Economic Corridor

لېكىن، تالىبان 2021-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا قايتا چىققاندىن كېيىن، پاكىستاننىڭ بۇ تالىبان ئۈستىدىكى ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق ۋە ھەرىكەت تەسىرىگە ئىگە بولۇش ئۈمىدى زور دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشمىدى.

ئۇنىڭ ئەكسىچە، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ (TTP) ئافغانىستان چېگرا رايونلىرىدا بىخەتەر پاناھگاھ تاپقانلىقى ۋە ئاندا-ساندا تالىبان ئىچىدىكى بەزى ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ۋاسىتىلىق ھالدا قوللانغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار، ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئايلاندى.

دەرۋەقە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 35-دوكلاتى، ئافغانىستان تالىبانىنىڭ پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىگە ئەشيا ئوبوروتى، ھەرىكەت ۋە مالىيە جەھەتتىن ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلارنى دەلىللەيدۇ.

دوكلاتتا، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى؛ بۇ گۇرۇپپىنىڭ 2024-يىلى ئىچىدە پاكىستاندا 600 دىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىنىڭ كۇنار، نانگارھار، خوست ۋە پاكتىكا (بارمال) ۋىلايەتلىرىدە يېڭى مەشىق لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقى ھەمدە ئافغان تالىبان سېپىدىن جەڭچىلەرنى قوبۇل قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى، ئافغانىستان تالىبانىغا قارشى خەلق ئارىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقنى پەيدا قىلدى.

تالىبان رەھبەرلىكى بولسا بۇ قاراشلارنى قەتئىي رەت قىلىپ، پاكىستان تالىبان ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنىڭ پاكىستاننىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شۇنداقتىمۇ، ئىدېئولوگىيەلىك يېقىنلىق، جەڭچىلەرنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشى ۋە چېگرا كونترول مېخانىزملىرىنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىق ئامىللار، ئەمەلىيەتتە بۇ ئايرىشنىڭ ئوبرازىغا قارىتا گۇمانلارنى پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرى ئىچىدىكى خىتاينىڭ مۇرەسسەچىلىكى

 

خىتاينىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى قايتىدىن كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ۋە ئافغانىستان-پاكىستان چېگراسىدا پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى پائالىيەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى نەزەرگە ئېلىنغاندا، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ باشلىقلار يىغىنى ھەم رايونلۇق خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسى ھەم سودا كارىدورلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى جەھەتتىن مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا.

تارىخىي جەھەتتىن، پاكىستان ئافغانىستاننى ھىندىستان بىلەن داۋاملىشىۋاتقان رىقابىتىدە ئىستراتېگىيەلىك بىر ئارقا سەپ دەپ قاراپ كەلگەن.

بۇ نۇقتىئىنەزەر «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» تەلىماتى دەپ ئاتىلىدۇ ھەمدە ھىندىستان بىلەن ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا پاكىستاننىڭ غەربىي قانىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

شۇڭا، ئافغانىستاننىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلاش ياكى ھېچبولمىغاندا پاكىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا ۋاسىتىلىق ھەرىكەت قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئىسلامئاباد ئۈچۈن ئىزچىل ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ بۇ تەڭلىمىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان رولى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسى (BRI) رامكىسى ئىچىدە جەنۇبىي ئاسىيادا بىخەتەر مەبلەغ سېلىش ۋە قاتناش كارىدورلىرىنى بەرپا قىلىش مەسىلىسىدىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مۇھىم ئورنىنىڭ ئىپادىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى قىزىقىشى پەقەت ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش بىلەنلا چەكلەنمەي، بۇ دۆلەتنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» دائىرىسىدە غەربىي ئاسىياغا ئېچىلغان ھالقىلىق بىر ئىشىك دەپ قاراشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

خىتاينىڭ 14 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش پىلانىغا قوشۇمچە، ئىران-ئافغانىستان-خىتاي ئۈچبۇلۇڭىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان باداخشاندىكى ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق يېڭى بىر قاتناش لىنىيەسى بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقى، ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى نامايان قىلماقتا.

تېخنىكىلىق جەھەتتىن ۋاخان كارىدورى ئارقىلىق خىتاي چېگراسىغا يېتىپ بېرىش مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ لىنىيە ھازىرچە ئاساسەن دېگۈدەك ئۆتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا پاكىستان ئارقىلىق دېڭىز يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا.

بۇ دائىرىدە، خىتاينىڭ تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە پاكىستان بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى بىر ئاكتىيور سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىشى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ تالىبان ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرىنى بېيجىڭدا بىر يەرگە جەم قىلىپ، دىپلوماتىك سۆزلىشىشنى قايتا بەرپا قىلىش تىرىشچانلىقى، خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىنى مۇستەھكەملەش نىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەردىن ھالقىپ كەتكەنلىكىمۇ ئېنىق. خىتاينىڭ كابۇل بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى پائال مۇرەسسەچىلىك رولى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى (CPEC) دائىرىسىدىكى 50 مىليارد دوللارلىق مەبلىغىنى قوغداش ئىستراتېگىيەسىدىن كېلىپ چىققان دەپمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ.

پاكىستان بولسا خىتاينىڭ ئافغانىستاندىكى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەۋجۇتلۇقى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى ھىندىستاننىڭ تەسىرىگە قارشى بىر تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئامىلى دەپ قارايدۇ، شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىشلىرىغا تېخىمۇ پائال ئارىلىشىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدۇ.

ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىن باشقا خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنىڭمۇ ئورۇن ئېلىشى، خىتاينىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ئاكتىيور بولۇشتىن ھالقىپ، رايونلۇق خەۋپسىزلىك كاپالەتچىسى رولىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خىتاينىڭ كاپالەتچىلىك رولىنى قايسى دەرىجىدە ئۈنۈملۈك ئادا قىلالايدىغانلىقى، تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يوشۇرۇن ۋەدىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىقتىدارىغا زور دەرىجىدە باغلىقتۇر.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ تالىبان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ھەرقانداق ئىستراتېگىيەلىك يېقىنلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى، رايونلۇق دىپلوماتىك تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ يۆنىلىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇھىم بىر ئۆزگەرگۈچى ئامىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋردە، زور ساندىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق كېلىشىملىرىگە قارىماي، ئۈچ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ خېلىلا چەكلىك بولغانلىقى كۆرۈلىدۇ.

1950 - يىلىدىن بۇيان خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا 350 دىن ئارتۇق، خىتاي بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن 150، ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا بولسا 250 ئەتراپىدا كېلىشىم ئىمزالانغان.

لېكىن، ئۈچ دۆلەت تەرىپىدىن ئورتاق ئىمزالانغان كېلىشىملەرنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز.

بۇ ئەھۋال، رايونلۇق ھەمكارلىقنىڭ ئاساسەن ئىككى تەرەپلىك سەۋىيەدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ھازىرچە ئىدارىيەشلەشكەن بىر ئۈچ تەرەپلىك رامكىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي-پاكىستان-ئافغانىستان ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى پەقەت سىمۋوللۇق بىر ئۇچرىشىشلا ئەمەس، شۇنداقلا رايونلۇق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا يېڭى بىر باسقۇچنىڭمۇ بىشارىتىدۇر.

باشلىقلار يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلار، خىتاينىڭ پەقەت ئىقتىسادىي ئاكتىيور سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى خەۋپسىزلىك ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىدىمۇ ھالقىلىق بىر رولچى سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پاكىستان بىلەن تالىبان ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە قارىتا ئېلىنغان قەدەملەر، تېخىمۇ چوڭقۇر رايونلۇق بىر گەۋدىلىشىشكە يول ئېچىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ رايونلۇق كاپالەتچى بولۇش ئارزۇسىنىمۇ كۈنسېرى روشەنلەشتۈرمەكتە.

لېكىن، بۇ جەرياننىڭ داۋاملىشىشچانلىقى پەقەت دىپلوماتىك ئىشارەتلەرگىلا ئەمەس، ئەمەلىي مەيداندىكى خەۋپسىزلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقىمۇ باغلىق.

ئەمەلىيەتتە، بۇ باشلىقلار يىغىنى خىتاينىڭ رايونلۇق قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈش رولىنىڭ ۋە كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىق ئەندىزىلىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەش جەھەتتە بىر سىناق خاراكتېرىگە ئىگە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us