ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكالىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ، تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردە، ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى يازدى.
«The Jerusalem Post» گېزىتى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا،ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئامېرىكالىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى يېڭىلاش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى سۆھبەتلىرىدىكى پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتناشمىغان تەقدىردىمۇ، رايونلۇق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئەمەلدار، غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلماسلىقىنىڭ بەدىلىنى ئاللىقاچان تۆلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر ھازىرغا قەدەر ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشتۇرۇلماسلىقىنىڭ بەدىلىنى ئۇلار [تۇتقۇنلار] تۆلىگەن بولسا، بۇ بەدەل پەقەت تۇتقۇنلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيە ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.
ئىسمى ئاشكارىلانمىغان ئامېرىكا ئەمەلدارى يەنە، يەمەندىكى ھۇسىيلار بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ پەقەتلا بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «ئەگەر ئىسرائىلىيە ئەقلىنى يىغمىسا، ھەتتا ‹ئەسىر كېلىشىمى›مۇ ئىسرائىلىيەسىز ئەمەلگە ئاشىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
يىغىنغا قاتناشقان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ يېقىنلىرى، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزلىرىگە «ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللاپ كەلگەن بىر ئىتتىپاقداشنىڭ خىتاب قىلىش ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىشى» دەپ باھا بېرىشكەن.