مەدەنىيەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىمام غازالىنىڭ ئىراندىكى قەبرىسى خارابە ھالەتتە تۇرماقتا
دىنىي ئالىم ئىمام غازالىنىڭ دەپنە قىلىنغان جايى بايقىلىپ 15 يىلدىن كېيىنمۇ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى قوغداپ قېلىش يولىدا ھېچقانداق قەدەم تاشلانمىدى.
ئىمام غازالىنىڭ ئىراندىكى قەبرىسى خارابە ھالەتتە تۇرماقتا
imami ghazali
3 de marzo de 2025

2007 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بىر يەرلىك ئاھالىنىڭ چۆلدەرەپ قالغان بىر تاشلاندۇق يەرنى قىزىقىپ كولاپ بېقىشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەڭ كاتتا خەزىنىلىرىدىن بىرى — ئىمام غازالىنىڭ غايىب قەبرىسى يورۇقلۇققا چىقتى. ئىمام غازالى ئەڭ ئىلىملىك مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ بىرى دەپ كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان كۆپ قىرلىق زاتلارنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ ئىراننىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككىنچى شەھىرى مەشھەدكە ئاران 24 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تارىخىي تۇس شەھىرىدىن تېپىلىشى، دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ھەققىدىكى ئارىستوتېلچىل كۆز قاراشقا قارشى چىققان ۋە ھەتتا «ھۇججەتۇلئىسلام» (ئىسلامنىڭ ئىسپاتى) دېگەن شەرەپلىك ئۇنۋانغا سازاۋەر بولغان بۇ زاتنىڭ ئاخىرقى ئارامگاھىنى ئىزدەش يىللىرىغا خاتىمە بەردى.

ئەمما ئۇنىڭ قەبرىسى تېپىلىپ 15 يىلدىن كېيىنمۇ، ئۈزلۈكسىز ھالدا تەبىئەت ئامىللىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراۋاتقان قەبرە يېڭىلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەدەملىرىنىڭ تاشلىنىشىنى كۈتمەكتە. ھايات ۋاقتىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، مىلادىيە 1111-يىلى 53 يېشىدا ۋاپات بولغان ئەبۇ مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئەلغازالىنىڭ قەبرىسى ھېلىھەم ئۆزىگە لايىق ھۆرمەتنىڭ كۆرسىتىلىشىنى كۈتمەكتە.

كۆمۈلگەن تارىخ

قەبرىنىڭ بايقىلىشى ھەققىدە قىزىقارلىق بىر ھېكايە بار. يەرلىك بىر كىشى — گەرچە مۇتەخەسسىس بولمىسىمۇ — بىر زامانلاردا بۈيۈك پارس شائىرى فىردەۋسى ياشاپ ئۆتكەن ۋە ئۆزىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى «شاھنامە»نى يازغان تۇس شەھىرىنىڭ تارىخىدىن خەۋەردار ئىدى.

ئۇنىڭ ئوتلاقلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دۆڭلۈكنى قىزىقىپ كولاپ بېقىشى نەتىجىسىدە كونا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقانلىقى ۋە دەرھال ئۇ ھەقتە يەرلىك ئەمەلدارلارنى ۋاقىپلاندۇرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جاينى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ئەترەتنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى مەلۇم.

دەل مۇشۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىمام غازالىنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى گۈمبەزنىڭ ئاساسىنى تۇنجى قېتىم بايقىدى. بۇ قەبرە ھازىر ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ خەيرىيە ئورگىنى بولغان «ئاستان قۇدس رازاۋى»نىڭ كونتروللۇقىدىكى ۋەخپە تەۋەلىكىگە جايلاشقان.

ئەسىرلەر بويى، ئىمام غازالىنىڭ قەبرىسىنىڭ دەل جايى ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا پەرەز ۋە مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ كەلگەنىدى. بۇرۇن باشقا بىر قانچە قېتىم قەبرە قېزىش-تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن بولسىمۇ، كېيىن ئۇلارنىڭ پەقەت خاتىرە ئابىدىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى.

مەسىلەن، ئۇلارنىڭ بىرى ئابباسىيلار خەلىپىسى ھارۇن رەشىد سالدۇرغان دەپ قارىلىدىغان «ھارۇنىييە مەدرىسىسى»نىڭ ھويلىسىدىكى قەبرىنىڭ ئاران بىر قانچە كىلومېتىر يىراقلىقىدا ئىدى.

ئەمما، قەبرىدىكى دىنىي ئالىمنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يازما ھەم باشقا تەپسىلاتلار، ھازىر كەڭ دائىرىدە ئۇنىڭ ئىمام غازالىنىڭ ھەقىقىي قەبرىسى ئىكەنلىكىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنماقتا.

ئىمام غازالىنىڭ قەبرىسىدىن باشقا، ئۇنىڭ تۆت ئوقۇغۇچىسىنىڭ قەبرىلىرىمۇ يېقىن ئەتراپتىن بايقالدى.

سەلجۇقىيلار ئۇسلۇبى

ئەسلىدە سەلجۇقىيلار بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سەككىز چاسىلىق قىلىپ ياسالغان گۈمبەزنىڭ ئاساسلىرى بۇ جاينىڭ بىر چاغلاردا قانداق بىر يەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. بۇ جاي، ئېھتىمال، 13-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا بۇ يەرلەردىن ئۆتكەن موڭغۇللار ئىستىلاسى سالغان ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلالمىغان. گۈمبەزنىڭ خارابە ھالىتى ئەينى دەۋردىكى زوراۋانلىقنىڭ گۇۋاھچىسىدۇر.

ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە قەبرە تاشلىۋېتىلگەندەك كۆرۈنىدۇ. يېرىقلارنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بىر قانچە ناچار سۇۋاق ئىشلىرىدىن باشقا، بۇ ئارخېئولوگىيەلىك بايلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يلىدا ھېچقانداق قەدەم تاشلانمىغان.

ئىراننىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قەبرىلەرنى قوغداشقا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدىغانلىقى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، بۇ بىپەرۋالىق كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.

ئىران ۋەخپىلەر ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرى ئورگانلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، بۈگۈنكى كۈندە ئىراندا 8167 ئىمامزادە (ئون ئىككى ئىمامنىڭ ئوغۇللىرى ياكى نەۋرىلىرى) قەبرىسى بار ئىكەن. بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىمامزادە قەبرىلىرى دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن قەبرىلەر 1979-يىلىدىكى ئىران ئىنقىلابىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان دەپ قارىدىلىكەن.

غازالىنىڭ قەبرىسى بۇ جەھەتتە يالغۇز ئەمەس. گەرچە ئۇ ئىمام غازالىنىڭ قەبىرىسىدىن ياخشىراق ھالەتتە بولسىمۇ، پارس ئالىمى نىزامۇللكنىڭ قەبرىسىنىڭمۇ ياخشى ھالەتتە ئەمەسلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن. مەلۇمكى، ئوخشاش رايونغا مەنسۇپ بۇ ئىككى زات، ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە.

نىزامۇلمۈلكنىڭ ئىسلام دۆلەت پەلسەپىسىگە، ئىمام غازالىنىڭ ئىسلام تەپەككۇرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بەس-مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.

ئىمام غازالى بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ناھايىتى مەنىلىك قىلىپ: «قەدىرلىك دوست، قەلبىڭ جۇلالانغان ئەينەكتۇر. سەن ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىبىردىن ھاسىل بولغان چاڭ-توزاننى تازىلاپ تۇرۇشۇڭ كېرەك، چۈنكى ئۇ ئىلاھىي سىرلارنىڭ نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەندۇر» دېگەنىدى.

ئاخىرىدا ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىكى چاڭ-توزان ۋە ئۆمۈچۈك تورلىرى تازىلانغاندا، بەلكىم ئىمام غازالىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۇنىڭ تەلىماتلىرىغا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك موھتاج بولۇۋاتقان دۇنياغا ئەكس ئېتىشى مۇمكىن.

TRT Global'ni bir nazar bilan qarang. Fikrlaringizni bo'lishing!
Contact us