يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىنىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە 16 پاكىستان ئەسكىرى قازا قىلغان، پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.
ھۇجۇم مىر ئەلىدىكى قادى بازىرىدا بىر ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، يەرلىك تاراتقۇ ئورگىنى «خەيبەر خرىونىكېلس» بىخەتەرلىك مەنبەلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھۇجۇمنىڭ شەنبە كۈنى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى ھۇجۇمنىڭ 22-چېگرا ئارمىيەسى پولكىغا تەۋە بومبا تازىلاش ئاپتوموبىلىنىڭ يېنىدا بىر ئادەم بومبىنىڭ ئۆزىنى پارتىلىتىشى بىلەن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدىكى بىر يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى: «بىر ئادەم بومبا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتىگە سوقتى» دېدى. ئەمەلدار تاراتقۇلارغا سۆزلەش ھوقۇقى بولمىغاچقا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.
مەزكۇر ئەمەلدار قازا قىلغانلار سانىنىڭ ئىلگىرىكى 13 تىن 16 گە كۆپەيگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
AFP ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى: «پارتلاش ئىككى ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى ئۆرۈۋېتىپ، ئالتە كىچىك بالىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى «پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى ناملىق تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر گۇرۇھى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ھۇجۇمدا 14 نەپىرى پۇقرا بولۇپ، كەم دېگەندە 24 كىشى يارىلاندى.
بۇ ھۇجۇم يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قىلىنغان ئەڭ ئەجەللىك ھۇجۇملارنىڭ بىرى سۈپىتىدە خاتىرىلەندى.
پاكىستان ئارمىيەسى تېخىچە بۇ ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلمىدى.
يېقىنقى مەزگىللەردە ۋەزىرىستان، خەيبەر ۋە كۇررام رايونلىرىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، پاكىستان ئارمىيەسى بۇ ئۆلكىدە ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى.
ئىسلامئاباد دائىرىلىرى پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا ئافغانىستانغا ئورۇنلاشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن «پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
كابۇل ھۆكۈمىتى بولسا بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.
