جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا داخىل قىلىنماي تۇرۇپ تۈرك دۇنياسىنىڭ «كەمتۈك» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى غەيرىي رەسمىي باشلىقلار يىغىنىدا: «شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بولمىغان بىر تۈرك دۇنياسىنىڭ ئائىلە سۈرىتى ھەر ۋاقىت كەمتۈك قالىدۇ دەپ ئويلايمىز» دېدى.
2022-يىلى نويابىردا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا كۆزەتكۈچى ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە ئوتتۇرا كارىدورنىڭ شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم بىر ئۆتۈش ئېغىزى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ بۇ ئۆتۈش ئېغىزىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.
رايونلۇق توقۇنۇشلار ھەققىدە سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ئۆتمۈشتە قىبرىستا، قاراباغدا ۋە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا يۈز بەرگەن، بۈگۈنكى كۈندە بولسا غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان تىراگېدىيەلەر بىزگە چېگرالىرىمىزنىڭ سىرتىنىمۇ ئويلىشىمىز كېرەكلىكىنى خاتىرىلەتمەكتە» دېدى.
ئەردوغان ئۇكرائىنادىكى داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئادالەت ئاساسىدا تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا ھەر ئىككى دۆلەت (رۇسىيە-ئۇكرائىنا) بىلەن قويۇق ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»