سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى، دوكتور ئاسپىرانتى رۇمەيسا ئۆزتۈركنى كېپىللىككە قويۇپ بەردى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى، دوكتور ئاسپىرانتى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىشىنى ھۆكۈم قىلىپ، «سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنى ئۆزتۈرك خانىمنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ» دېدى.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە سوتچىسى، دوكتور ئاسپىرانتى رۇمەيسا ئۆزتۈركنى كېپىللىككە قويۇپ بەردى
ئۆزتۈرك، قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان زىققا كېسىلى قوزغىلىشلىرىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. / AA
10 мая 2025 г.

ئامېرىكانىڭ ۋېرمونت ئىشتاتىدىكى بىر فېدېرال سوتچى، مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا كۆچمەنلەر ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تالاش-تارتىشلىق ھالدا قولغا ئېلىنغان تۈركىيەلىك دوكتور ئاسپىرانتى رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىشىگە ھۆكۈم قىلدى.

سوتچى ۋىليام ك. سېشېنس III جۈمە كۈنى بايانات بېرىپ: «سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ [رۇمەيسا ئۆزتۈركنىڭ] جەمئىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە قېچىش خەۋپىنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىقلىدى. ھۆكۈمەتكە ئۆزتۈرك خانىمنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى بۇيرۇيمەن» دېدى.

سوتچى ئۆزتۈركنىڭ ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى ئۆيىگە قايتىش ئەركىنلىكى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇ يەنە ماسساچۇسېتس ۋە ۋېرمونت ئىشتاتلىرىغا سەپەر قىلىشتا ئەركىن، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ساياھەت چەكلىمىسى قويمايمەن، چۈنكى ئېنىقكى، مەن ئۇنىڭ قېچىش خەۋپى بار دەپ ئويلىمايمەن» دېدى.

سوتچى ئۆزتۈركنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئىشتات سىرتىدىكى پىروگراممىلارغا قاتنىشىشىنى ۋە ئىشتات سىرتىدا لېكسىيە سۆزلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ رايونلاردىن سىرتلارغا ساياھەت قىلالايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىر ئىش دەپ ئويلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ئۆزتۈرك، ۋېرمونت ئىشتاتىنىڭ بۇرلىڭتون شەھىرىدىكى سوتقا يىراقتىن قاتناشتى. ئۆزتۈرك 25-مارت ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا مۇھاپىزىتى ئىدارىسى (ICE) خادىملىرى تەرىپىدىن، ئۆتكەن يىلى مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار گېزىتىدە ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ھەققىدە ھەمكارلىشىپ بىر پىكىر ماقالىسى يازغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانىدى.

بۇ سوت ئىككىنچى دەرىجىلىك نارازىلىق ئەرزى سوتى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۆزتۈركنىڭ لۇئىزىئانا ئىشتاتىدىكى بىر كۆچمەنلەر تۈرمىسىدىن ۋېرمونتتىكى فېدېرال رايونلۇق سوت مەھكىمىسىگە يۆتكىلىشى ھەققىدە قارار چىقارغاندىن كېيىن ئېچىلدى.

ئامېرىكا پۇقرالار ئەركىنلىكى ئىتتىپاقىدىكى ئادۋوكاتلىرى ئۆزتۈركنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ھوقۇقلىرىنى، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«دوكتورلۇق ئۇنۋانىمنى تاماملاش مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم»

سوت جەريانىدا ئۆزتۈرك، قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان كۈچىيىۋاتقان زىققا كېسىلى قوزغىلىشلىرىدىن ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، قوزغاتقۇچى ئامىللار ئىچىدە بېسىم، ھاشارات ھەمدە ساپ ھاۋانىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بۇنىڭ ئوخشىمىغان سەۋەبلىرى بار. ئالدى بىلەن، مەن باياناتىمدا تىلغا ئالغىنىمدەك، ناچار شارائىت بىر زىققا بىمارى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قىيىن، چۈنكى بۇ قوزغاتقۇچى ئامىللارغا توختىماي ئۇچراپ تۇرىدۇ، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ياخشى ئەمەس. ئېھتىياجىمىز بولغاندا ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىشىمىزگە يول قويۇلمايدۇ.»

ئۆزتۈرك يەنە تازىلىق بۇيۇملىرىنىڭ پۇراقلىرىغىمۇ  «داۋاملىق دۇچ كېلىۋاتقانلىقى»نى ئېيتتى.

سوت مەھكىمىسى ئۇنى كېپىللىككە قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلسا، قانداق پىلانى بارلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزتۈرك ماي ئېيىدا ئىجارە توختامىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ۋە «قويۇپ بېرىلىشى بىلەنلا» تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياتىقىغا كۆچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «دوكتورلۇق ئۇنۋانىمنى تاماملاش مەن ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. بۇ دوكتورلۇق ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى تىرىشىۋاتىمەن. يېقىنقى يەتتە يىلدىن بۇيان ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىمەن» دېدى.

«قىلىۋاتقان ئىشىم مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك، چۈنكى  مەن ئۆگىنىش، ئۆسۈپ يېتىلىش، ئالاقە باغلاش، تەرەققىيات ئىلمى تەتقىقاتچىسى ۋە بالىلار تەرەققىياتى ساھەسىدىكى بىر ئاكادېمىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈمنى يېتىلدۈرۈش ۋە دۇنيا مىقياسىدا بالىلارنىڭ پاراۋانلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىۋاتىمەن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۆزتۈركنىڭ زىققا كېسىلى «كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە» ئېغىرلاشتى

گۇۋاھچى دوكتور جېسسىكا مەككاننون، ئۆزتۈركنىڭ زىققا كېسىلىنىڭ «كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە» ئېغىرلاشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ھازىر ئۇ 14 كىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بىر جايدا باشقا 23 ئايال بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ. مۇنچىدىن كېلىدىغان نەمگە ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى، تازىلىق بۇيۇملىرىدىن كېلىدىغان كۈچلۈك پۇراقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ... ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر روھىي بېسىم بار. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى زىققا كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان نەرسىلەر» دېدى.

مەككاننون سۆز قىلىۋاتقاندا، ئۆزتۈركنىڭ زىققا كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، ھاجەتخانىغا بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىدى.

«ئەگەر ئۇ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلسا، زىققا كېسىلىنى كونترول قىلىشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى مەككاننون.

يەنە بىر شاھىت، تافتس ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمگەك تەرەققىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ئاسپىرانتلار ئىشلىرى مۇدىرى ۋە پىروفېسسورى سارا جونسون، ئۆزتۈركنىڭ بىر تەتقىقات تۈرىدە تەتقىقات ياردەمچىسى بولۇپ ئىشلىشىنىڭ پىلانلانغانلىقىغا ئىشارەت قىلپ: «بۇ تۈردە ئۇ بىزنىڭ تاراتقۇ مۇتەخەسسىسىمىز. ئۇنىڭ كەسپىي بىلىمى ھەقىقەتەن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

جونسون ئۆزتۈركنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا دېكابىرغىچە دىسسېرتاتسىيەسىنى تاماملاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىش خەۋپى بارلىقىنى ۋە باشقا بەزى تۈرلەرنىمۇ قولدىن بېرىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇ قولدىن بېرىپ قويغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى... بىزنىڭ ساھەمىزدىكى چوڭ بىر كەسپىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭ ئۇ يەردە تونۇشتۇرۇش پىلانى بار ئىدى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us