سىياسەت
8 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قارشى قانۇن كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا
2023 -يىلى راپائېل ساتتېر داڭلىق بىر ھىندىستانلىق تىجارەتچى ھەققىدە يازدى ۋە بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى (OCI) كارتى بىكار قىلىندى. ئۇ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.
ئامېرىكالىق ژۇرنالىست ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىغا قارشى قانۇن كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ژۇرنالىستى رافائېل ساتتېر. سۈرەت: X (ئىلگىرىكى تۋىتتېر) / x
March 17, 2025

ئامېرىكالىق بىر ژۇرنالىست، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ «ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى»(OCI)  كىملىكىنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە قارشى قانۇنىي كۈرەش قىلىش قارارىغا كەلدى.

بۇنىڭ ھەممىسى رافائېل ساتتېر 2023-يىلى نويابىردا داڭلىق ھىندىستانلىق سودىگەر راجات خارا ھەققىدە «ھىندىستاندىكى يېڭى بىر شىركەت دۇنيانى قانداق ھاككېرلىدى» ناملىق بىر ماقالە يازغاندىن كېيىن يۈز بەردى.

2023 -يىلى دېكابىردا، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋاشىنگتوندىكى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تور بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ژۇرنالىستى ساتتېرغا ئۇنىڭ «ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى» كارتىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھۆكۈمەت ئۇنى «زىيانلىق» ئەسەرلەرنى يېزىپ، ھىندىستاننىڭ ئابرۇيىغا تەسىر يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى. نىكاھلىنىش يولى ئارقىلىق ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ساتتېر، بۇنىڭدىن كېيىن ئائىلە ئەزالىرى ياشايدىغان ھىندىستانغا كىرەلمەيدۇ

ساتتېرنىڭ ئىشى ئالاھىدە بىر ئىش ئەمەس، بەلكى باش مىنىستىر نارېندرا مودى دەۋرىدىكى ھىندىستاندا كۆرۈلۈۋاتقان بىر يۈزلىنىشنىڭ بىر پارچىسى. بۇ ئىش مودى ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى ئىمتىيازلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى ئاشۇرماقتا.

مودى ئىلگىرى «تېگى-تەكتى ھىندىستانلىقلار» (PIO) كارتىسىغا ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىسى دەپ قايتا نام بېرىپ، چەت ئەلدىكى ھىندىستانلىقلار ئىچىدە، ئۇلارغا «پۇقرالارغا ئوخشاش» ئىمتىيازلارنى بەرگەنلىكى ھەققىدە خاتا تەسىر پەيدا قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ خاھىشى بويىچە بېرىلىپ ۋە بىكار قىلىنىپ، كۆپىنچە ھۆكۈمەتكە تەنقىدىي كۆز بىلەن قارايدىغان ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار ۋە پائالىيەتچىلەرنى بايانات ئېلان قىلماقتا. دىققەتكە قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئىلگىرىكى« تېگى-تەكتى ھىندىستانلىقلار سىستېمىسى»دا بۇنداق ئىشلار خېلىلا ئاز ئىدى.

ئەسلىدە چەت ئەلدىكى تېگى-تەكتى ھىندىستانلىق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھىندىستاندىكى ساياھەت ۋە سودا ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بېرىلگەن «ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى» كارتىلىرى ھازىر بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى بھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى (BJP)  دەۋرىدىكى «سىياسىي مەقسەتلىك باستۇرۇش»نىڭ بىر قىسمى دەپ تەسۋىرلىدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا مۇدىرى ئېلاينې پېرسون TRT World گە مۇنداق دېدى: «سەزگۈر دەپ قارالغان تېمىلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلىگەن ژۇرنالىستلارنىڭ ۋىزىلىرى بىكار قىلىنسا، بۇ ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە پارىخورلۇق ھەققىدىكى ئورۇنلۇق ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلارنى خەتەرلىك سۈكۈت قىلىشقا ئىتتىرىدۇ.»

ئۇ «يېقىنقى يىللاردا، مودى ھۆكۈمىتى ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى ۋىزىلىرىنى بىكار قىلدى، بولۇپمۇ بھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە تەنقىدىي مۇئامىلە قىلغانلارنىڭكىنى شۇنداق قىلدى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ يەنە «بۇ تەنقىدنى بېسىقتۇرۇشقا قارىتىلغان ئاشكارا بىر ھەرىكەت. بەزى كىشىلەر ئۇنىڭ بىكار قىلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچۇرلار بولمىغاچقا، بۇنىڭغا ھىندىستان سوتلىرى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ قەدەملەر كۆپىنچە ھاللاردا دۆلەتنىڭ ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش دېگەندەك مۈجمەل ئاساسلار بىلەن ئاقلاندى» دېدى.

يالغۇز 2021-يىلىلا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 4 يېرىم مىليون ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىسىغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئىمتىيازلىرىنى «چەت ئەللىكلەر» دەپ قايتا تۈركۈملەشتۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەنلەتتى. ئۇلارنىڭ تەتقىقات ۋە ژۇرنالىستلىق قىلىشى ياكى ھىندىستاندا «قوغدىلىدىغان» دەپ تىزىمغا ئېلىنغان ھەرقانداق رايونغا بېرىش ئۈچۈن ئالاھىدە رۇخسەت ئېلىشى تەلەپ قىلىندى.

ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ھۆكۈمەت «ئاساسىي قانۇنغا قارشى تۇرۇش» نى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، 100 دىن ئارتۇق رۇخسەتنامىنى بىكار قىلىپ، بەزى سالاھىيەت ئىگىلىرىنى قوغلاپ چىقاردى. بۇ، مەيلى ھىندىستاندا ياشاۋاتقان ياكى چەت ئەلدە ياشاۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كۆپىنچىسىنىڭ ياشانغان ئاتا-ئانىلىرى ۋە ھىندىستان بىلەن باشقا كۈچلۈك شەخسىي باغلىنىشلىرى بار بولغان ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتا ئىگىلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.

يېڭى دېھلىدا چوڭ بولغان Time ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى ئاتىش تاسېر، ھىندىستاندا 22 يىل ياشىغان فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست ۋانېسسا دوۇگناك ۋە ۋېستمىنستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى نىتاشا كاۇل قاتارلىق نۇرغۇن ژۇرنالىستلار ۋە ئالىملارنىڭ ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىلىرى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، دۆلەتنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى.

يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست تاسېر TRT World غا مۇنداق دېدى: 2019-يىلى سېنتەبىردە ئانام ماڭا ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بىر خەت تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەتتە، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىسىنى بىكار قىلغانلىقى ئېيتىلغان. خەتتە، ئۇنىڭ 21 كۈن ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، قارارغا ئېتىراز بىلۈرۈش ھوقۇقى بارلىقى قەيت قىلىنغان.

نويابىردا The Print گېزىتى ئۇنىڭ ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى سالاھىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشتە ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا (بۇرۇنقى تۋىتېردا) ئۇنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى— بۇ بۇ ھەقتىكى ئېنىق قارارنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىدى.

بۇ قارار ئۇنىڭ 2019-يىلى ماي ئېيىدا ئېلان قىلىنغان «ھىندىستاننى بۆلگۈچى رەھبەر» سەرلەۋھىلىك سايلامدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدىن كېيىن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇ ماقالىدە مودىنىڭ ھوقۇقتا تۇرغان ۋاقىتتىكى ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغانىدى.

بۇنىڭ سەۋەبى تاسېرنىڭ 2019-يىلىدىكى سايلامدىن بۇرۇن Time ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىدىن ئېلان قىلىنغان «ھىندىستاننى بۆلگۈچى رەھبەر» ناملىق ماقالىسى بولۇپ، ئۇ ماقالىدە مودىنى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇق بېشىدا تۇرغان ۋاقىتتا قىلغان ئىشلىرىنى تەنقىد قىلغان.

مودى بۇ ماقالىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «Time ژۇرنىلى چەت ئەللىك، يازغۇچى ئۆزىنىڭ پاكىستاندىكى بىر سىياسىي ئائىلىسىدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ (قانچىلىك) ئىشەنچلىك ئىكەنلىكى ئۈچۈن بۇ يېتەرلىك» دېدى.

بھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى بۇ ماقالە مودىنىڭ ئوبرازىغا داغ تەگكۈزۈش ئۇرۇنۇشىدىن ئىبارەت دەپ، ھىندىستانلىق ژۇرنالىست تاۋلېن سىنگھ ۋە مەرھۇم پاكىستانلىق سىياسەتچى ۋە سودىگەر سالمان تاسېرنىڭ ئوغلى تاسېرنى پاكىستاننىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىجرا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، تاسېر بۇ ھېكايىنى يازغاندا بۇنداق بىر ئىنكاسقا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلىمىغان. ئۇ بۇ ھەقتە، «ھەممەيلەن ئۇ ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى ھېكايىلەرنى يېزىۋاتاتتى. مەن بۇ ھەرىكەتتىن ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدىم» دېدى.

ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ، «مېنىڭ ئىشىمدا، ئۇلار [بھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى] ماڭا قارشى تولۇق بىر تەشۋىقات دولقۇنى قوزغىدى. بھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى باياناتچىسى مېنى ISI  (پاكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى) جاسۇسى دەپ ئاتىدى، ئۇلار مېنىڭ دادامنىڭ دۆلەت كىملىكىنى – مەن 21 ياشقىچە كۆرۈشۈپ باقمىغان – سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى» دېدى.

تاسېر، «ئۇلار ئىچكى دۈشمەن ھەققىدە بۇ باياننى ياسىدى. رافائېل [ساتتېر] نىڭ ئەكسىچە، مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن 10 يىل ھىندىستاندا ياشىغان ئىدىم. مەن 40 يىلنىڭ 30 يىلىنى ئۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئىدىم. مەن بەرپا قىلغان بارلىق ياخشى نىيەتلەرگە داغ چۈشتى، بىر گۇمانلىق كىشىگە ئايلىنىپ قالدىم» دېگەنلەرنى قوشۇمچە قىلدى.

تاسېر COVID-19 جەريانىدا ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىنى ئېلىش ئۈچۈن قايتىدىن ئىلتىماس قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىسى — ئامېرىكا يېشىل كارتىسىغا ئوخشىمايدىغان يېرى— ئۇ پەقەت بىر ۋىزا.

«بۇ نېمىشقىدۇر ئەھمىيەتلىكتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما سىز ھەرقانداق ھۆكۈمەتنى ۋىزا بېرىشكە مەجبۇرلىيالمايسىز – بىز بۇنى مەھمۇد خەلىلنىڭ ئىشىدىن كۆرەلەيمىز» دېدى ئۇ.

ئۆز ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغان تاسېر، چوڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەندە ياكى ئۆگەي دادىسى ئاغرىپ قالغاندا يۇرتىغا قايتالمىدى. ئوغلىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى ھەققىدە ئەسەر يازغان ئانىسى ھازىر 75 ياشتا.

تاسېرنىڭ سۆزلىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ۋەتىنىگە قايتىش يولى قالمىغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ئىنتايىن قاتتىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئورناتقان بولۇپ، مەن بۇنداق تەلەپلەرگە بويسۇنالىشىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى پىكىر ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئۈچۈندۇر. يازغۇچى ياكى ژۇرنالىست بولۇش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ئەڭ مۇستەقىل كىشىمۇ ئۇلارنىڭ تەلەپ قىلغان ئۆلچەملىرىگە بويسۇنالمايدۇ.»

تاسېر ۋەتىنىگە قايتىش مەسىلىسىنىڭ ھازىر ئىنتايىن جىددىي بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر يۇرتۇمغا بولغان سېغىنىش ھېس-تۇيغۇلىرى ھەققىدە ئويلانغۇدەك ۋاقىت قالمىدى. گەرچە نۇرغۇن دوستلىرىم ۋە ئائىلە ئەزالىرىم ئۇ يەردە بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي ۋە دەرھال ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئانامغا بىر نەرسە بولۇپ قالسا، كىم ئۇنىڭغا قارايدۇ؟ مەن قاراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالامدىمەن؟ شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، چوڭ ئانام ۋاپات بولغاندا، مەن ئۇنى كۆرەلمەي ئەپسۇسلاندىم. بىز بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

تاسېر ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىسى ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرقى شارائىتتا، ئۇنىڭ پەقەت بىر ۋىزا ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مەجرۇھ بىر ھۆكۈمەت. بىزگە ئوخشاش كىشىلەر، بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھېچ بولمىغاندا بىز بىخەتەر، ئەمما تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۆمەر خالىد قانداق قىلىدۇ؟» دېدى.

ئۇ يەنە، «ئۇلار بۇ ۋىزىنى (ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى كارتىسىنى) قورالغا ئايلاندۇرۇۋالدى. ئۇلار ھۆكۈمىتىنىڭ ئابرۇيىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق كىشىنى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئالدىراشتى» دېدى.

تاسېر ھىندىستانغا بولغان ھېسسىي رىشتىلىرىنى كونترول قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بولۇپمۇ ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىغا ئەمەلىي غەمخورلۇق قىلىش مەسئۇلىيىتى بولغاچقا، ئۇ ھىندىستانغا ھېسسىي يېقىنچىلىق تۇيغۇسىنى چەتكە قايرىپ قويۇشقا مەجبۇر بولماقتا.

سوتنىڭ ساتتېرنىڭ ئەرزنامىسىگە قاراپ چىقىش جەريانى

«The Guardian»  گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساتتېر ھىندىستاندا ژۇرنالىستلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى قەتئىي رەت قىلىپ، ئۇ يەرگە پەقەت ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈنلا بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھۆكۈمەت ساتتېرنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ نېمە سەۋەبتىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان ھېچقانداق ئېنىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىمىگەن. ئەمما ئادۋوكاتلار ساتتېرنىڭ «چەت ئەلدىكى ھىندىستان پۇقراسى» كىملىكىنىڭ بىكار قىلىنىش ۋاقتىنىڭ دەل ئۇنىڭ ھىندىستانلىق تىجارەتچى راجات خارا قۇرغان ئاپپىن شىركىتى ھەققىدىكى ماقالىسىگە قارشى قوزغالغان تۆھمەت دەۋاسى بىلەن ئوخشاش مەزگىلگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

شۇ كۈنى يېڭى دېھلىدىكى بىر سوتچى ئۇنىڭ ماقالىسىغا قارىتا چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان ۋە ماقالىنى ۋاقىتلىق ئېلىۋېتىش ھۆكۈمى چىقارغان. بۇ ماقالە 10 ئايدىن كېيىن ئاندىن قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

ماقالىنى تەييارلاش جەريانىدا، ساتتېر «The Guardian» گېزىتىگە ئاپپىن شىركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ بىر قاتار تەھدىتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئەرزنامىسىدە: «ئەرز قىلغۇچى ۋە ئۇنى ئىش بىلەن تەمىنلىگەن رېيتېر، ئاپپىن دەپ ئاتىلىدىغان، ھىندىستان ۋە چەت ئەلدىكى تەشكىلاتلارنى ھاككېرلىغان بىر شىركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان» دېيىلگەن.

ھەيران قالارلىق يېرى، ساتتېر خارې ۋە ئاپپىن شىركىتى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان بىردىنبىر ژۇرنالىست ئەمەس. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، The New Yorker  ۋە The Sunday Times قاتارلىق كەم دېگەندە 15 ئاخبارات ۋاسىتىسى ئاپپىن شىركىتىنى تەكشۈرۈپ يازغانلىقى سەۋەبىدىن قانۇنىي تەكشۈرۈشلەرگە ئۇچرىغان، ئۇلارنىڭ بەشى سوتقا تارتىلغان.

چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ تۈردىكى توسۇش خاراكتېرلىك دەۋالارنىڭ كۆلىمىنى «مىسلىسىز» دەپ سۈپەتلىگەن.

ساتتېرنىڭ تۇنجى سوتى بۇ ھەپتە يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇ «The Guardian» گېزىتىگە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ  ھىندىستانلىق چەت ئەل پۇقراسى  كىملىكىنى بىكار قىلىش قارارىنىڭ ئۇنى ئائىلە ئەزالىرىدىن ۋە ئۇ چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ باغلىغان بىر دۆلەتتىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ساتتېر بۇ قارارنىڭ «خاتالىق ياكى چۈشىنىشمەسلىككە ئاساسلانغانلىقى»غا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ئۇ سوتقا مۇراجىئەت قىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى ھۆكۈمەتكە سۇنغان ئەرز-شىكايىتىگە ھېچقانداق جاۋاب ئالالمىغاندىن كېيىن، سوت ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ساتتېرنىڭ كېيىنكى قېتىملىق سوتى 22-مايدا ئېچىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us