خەلقئارا
4 مىنۇت ئوقۇش
گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىسرائىلىيە-ئىران كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى يىغىندا ترامپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى رەھبەرلىرى كۈچىيىۋاتقان ئىسرائىلىيە-ئىران جىددىيچىلىكىگە چارە تېپىش ئۈچۈن كانادادا بىر يەرگە جەم بولدى، ترامپ قاتتىق سودا پوزىتسىيەسى ۋە ئوچۇق-يورۇق دىپلوماتىيەسى بىلەن يىغىننى مالىمان قىلدى.
گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىسرائىلىيە-ئىران كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى  يىغىندا ترامپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
گ 7 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئىسرائىلىيە-ئىران كرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى يىغىندا ترامپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى / Reuters
11 hours ago

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىمۇ بئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت رەھبەرلىرى، دۈشەنبە كۈنى كانادا روكىس تا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇش مەسىلىسىدە ئورتاق بىر پىكىرگە كېلەلەيدىغان-كېلەلمەيدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىماقتا.

كاناناسكىس تاغلىق يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۈچ كۈنلۈك بۇ يىغىن، ترامپنىڭ خەلقئارالىق دىپلوماتىيە كۈنتەرتىپىاىن قايتا ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ترامپ ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئۆلچەملەرگە جەڭ ئېلان قىلغان ۋە دوست-دۈشمەن دېمەستىن، كەڭ كۆلەملىك تاموژنا بېجى يۈرگۈزگەن ئىدى.

كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي، باي سانائەت دېموكراتىيەلىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئىختىلاپلارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر كۈنتەرتىپ تەييارلىغان ئىدى. بۇ دۆلەتلەر ئىچىدە ئەنگىلىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىقلار بار.

بىراق، يىغىندىن ئىككى كۈن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە ئىرانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تۇيۇقسىز ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.

دىپلوماتلارنىڭ دېيىشىچە، كانادا ھازىر باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ۋە ئىرانغا ئورتاق بىر چاقىرىق قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا.

باياناتتا جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش تەلەپ قىلىنىشى ياكى ئىراننىڭ تالاش-تارتىشلىق يادرو پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى» بارلىقىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، يىغىندىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئىراننى ئەيىبلىگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئەلۋەتتە، ئۇزۇن مۇددەتتە سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن» دېدى، لېكىن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرمىدى.

سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكانىڭ ئاشكارا ھالدا قىلغان «سەۋر قىلىپ تۇرۇڭ» چاقىرىقلىرىغا قارىماي، نېتانياھۇنىڭ ئۆز بىلگىنىنى قىلغان بولسىمۇ، ترامپ يەنىلا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى ماختىدى ۋە بۇ ھۇجۇملاردا ئامېرىكا قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تارىختىن بۇيان ئىران بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن ياپونىيە بولسا، ئادەتتىن تاشقىرى ھالدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى «چوڭقۇر ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ تەرىپلەپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ چىقتى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى، غەززەدىكى ئىنسانىي ئەھۋالغا ئائىت ئايرىم ئەندىشىلىرىگە قارىماي، ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇملار مەسىلىسىدە ئىسرائىلىيەنى تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، مۆتىدىل بولۇشقا چاقىرىپ، ئىراننى ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلاشقا تەكلىپ قىلدى ۋە تېھراننى يادرو پىلانى سەۋەبلىك جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئاتالمىش <51 – ئىشتات> نى زىيارەت قىلىش

ترامپ، «51-ئىشتات بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى» دەپ مەسخىرە قىلغان شىمالىي قوشنىسى كانادانى زىيارەت قىلماقتا.

ترامپ ئوچۇقتىن-ئوچۇق ياقتۇرمايدىغان، دۇنيا سەھنىسىنىڭ سابىق چولپىنى جاستىن ترۇدونىڭ ئورنىنى ھەشەمەتتىن بەكرەك ئىقتىدارى بىلەن تونۇلغان سابىق مەركىزىي بانكا باشلىقى مارك كارنىي ئالغاندىن بېرى (مارت ئېيىدىن بۇيان) جىددىيچىلىك پەسەيگەن ئىدى.

ترامپ 2018-يىلى كانادادا ئۆتكۈزۈلگەن گ 7 يىغىنىغا قاتناشقاندا، يىغىندىن بالدۇر ئايرىلىپ، «ھاۋا ئارمىيە بىرىنچى نومۇرلۇق ئايروپىلانى» دىن ترۇدوغا ھاقارەت ئارىلاش تىۋىتلارنى يوللاپ، ئامېرىكانى ئاخىرقى باياناتتىن يىراقلاشتۇرغان ئىدى.

بىراق، چوڭقۇر جىددىيچىلىكلەر يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئەركىن سودىغا ئاساسلانغان يەرشارى ئىقتىسادىي تەرتىپىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلغان ترامپ، ئىلگىرى بەرگەن ۋاقىتنى كېچىكتۈرۈپ، دوست-دۈشمەن ئايرىماستىن 9-ئىيۇل كەڭ كۆلەملىك تاموژنا بېجى يۈرگۈزىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

ۋون دېر لېيېن، شەنبە كۈنى ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ياۋروپالىقلارنىڭ بىر چارە تاپالايدىغانلشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئامېرىكانىڭ ئۇسۇلىنى يوشۇرۇن تەنقىد قىلدى. ئۇ: «ئارىمىزدىكى سودىنى ئادىل، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئوچۇق تۇتايلى. ھەممىمىز قورۇقچىلىقتىن (پروتېكسىئونىزمدىن) ساقلىنىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇكرائىنا ۋە ئىران باغلىنىشى

ۋون دېر لېيېن يەنە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنى تېھراندىكى دىنىي زاتلار باشقۇرۇشىدىكى دۆلەتنىڭ رۇسىيەگە ساتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئۇكرائىنا ۋە ئىران كرىزىسلىرى ئارىسىدا باغلىنىش ئورنىتىشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئوخشاش تۈردىكى ئىران لايىھەلىگەن ۋە ياسىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيەدىكى شەھەرلەرگە پەرقلەندۈرمەستىن ھۇجۇم قىلماقتا. بۇ تەھدىتلەرنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك»

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، 28-فېۋرال ئاقسارايدا ئۇچراشقاندا ئۆزىنى ئاشكارا كىچىك چاغلىغان ترامپ بىلەن سۆزلىشىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

ترامپ ئۇكرائىنانى رۇسىيە بىلەن تېز بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا زورلاشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى، ئەمما رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھېچبولمىغاندا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چاقىرىقلارغا قارشىلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئۈمىدلىرى سۇغا چېلاشتى.

ترامپ شەنبە كۈنى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا ھەم ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشى ھەم ئۇكرائىنا ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

ئەمما ماكرون، پۇتىننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە بىر مۇرەسسەچى سۈپىتىدە خىزمەت قىلالايدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە پرېزىدېنتى، ترامپنىڭ دانىيەگە قاراشلىق ئاپتونوم رايون بولغان گرېنلاندىيەنى ئىگىلىۋېلىش تەھدىتىنى ئەيىبلىگەن گرېنلاندىيە زىيارىتىدىن كېيىن، كاناناسكىسقا يېتىپ كەلدى. ئۇ: «ئىتتىپاقداشلار بۇنداق قىلمايدۇ» دېدى.

ترامپ بولسا، بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتىدۇ، دەپ قارالغان قەدەملىرىگە قارشى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە سەۋەب بولغان ۋە ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلگەن ۋاشىنگتوندىكى بىر ھەربىي پاراتقا قاتناشقاندىن كېيىن يىغىنغا كەلدى.

مەنبە:TRT Greek
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us