ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇرىيەتچىلەر قاتارنىڭ ترامپقا ئايروپىلان سوۋغا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى
جۇمھۇرىيەتچىلەر قاتار تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغان ئايروپىلاننىڭ يېڭى «Air Force One» (دۆلەت باشلىقى مەخسۇس ئايروپىلانى) سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى. شۇمېر ترامپنى «400 مىليون دوللارلىق پارا ئالدى» دەپ ئەيىبلىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر قاتارنىڭ ترامپقا ئايروپىلان سوۋغا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى
/ Reuters
5 hours ago

جۇمھۇرىيەتچىلەر قاتارنىڭ ترامپقا ئايروپىلان سوۋغا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر  كېڭەش پالاتاسىدىكى ئاز سانلىقلارنىڭ رەھبىرى چاك شۇمېر تەرىپىدىن سۇنۇلغان ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ قاتار تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغان ھەشەمەتلىك ئايروپىلاننىڭ يېڭى «Air Force One» سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى.

شۇمېر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يازدى:

«ترامپنىڭ قاتار ئايروپىلانىنى رەسمىي قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەردىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەلنىڭ ‹Air Force One› ئايروپىلانى ئۈچۈن بىر تىيىنمۇ پۇل خەجلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇ قانۇن لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىغا سۇندۇم.

بۇ پارىخورلۇقتۇر، بۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن تەھدىتتۇر. ئەمما جۇمھۇرىيەتچىلەر ترامپنى قوللاپ، قانۇن لايىھەسىنى رەت قىلدى.»

پىرېزىدېنت مەھكىمىسى ھاۋا قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسى، پېنتاگوننىڭ پىرېزىدېنتنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تەۋە ھەرقانداق ئايروپىلانغا مەبلەغ ئاجرىتىشىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. ئەمما، كېڭەش پالاتا ئەزاسى روجېر مارشال بۇ قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ماقۇللىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

بۇ ئەھۋال، ترامپنىڭ ئۆتكەن ھەپتە قاتاردىن بىر «Boeing 747» تىپلىق ئايروپىلاننى يېڭى «Air Force One» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. پېنتاگون چارشەنبە كۈنى بۇ قوبۇل قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىدى.

پېنتاگون باياناتچىسى سېئان پارنېل مۇنداق دېدى:

«دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بارلىق فېدېراتسىيە قائىدە-نىزاملىرىغا ئاساسەن، قاتاردىن بىر «Boeing 747» تىپلىق ئايروپىلاننى قوبۇل قىلدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇۋاپىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ۋەزىپە تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ.»

 بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە چىقىم تەسىرلىرى

 «‹The New York Times› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىممىتى 200 - 400 مىليون دوللار ئەتراپىدىكى بۇ ئايروپىلاننى پىرېزىدېنت ئىشلىتىشتىن بۇرۇن كەڭ كۆلەملىك قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. دۆلەت مۇداپىئە دائىرىلىرى ئايروپىلاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ۋە ئېلېكتىر ماگنىتلىق قوغداش قاتارلىق مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاۋا ئارمىيەسى كاتىپى تروي مېينك كېڭەش پالاتاسىدا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ھەرقانداق بىر پۇقرالار ئايروپىلانى بۇ خىلدىكى ئۆزگەرتىشلەر ئۈچۈن مۇھىم خىزمەت  ئىشلەشنى تەقەززا قىلىدۇ. دەرۋەقە، مەزكۇر ئايروپىلاننى كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمىتى ئاللىقاچان باشلاندى.»

ھەم دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى تەنقىدچىلەر بۇ سوۋغاتتا ئەخلاقىي ۋە تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن مەسىلە بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، پائالىيەتلەردە ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش  ۋە تاشقى تەسىرلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىدى.

 قاتار بۇ سوۋغاتنىڭ پەردە ئارقىسىدا سىياسىي مەقسەتنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا بەرگەن باياناتىدا، سوۋغاتنىڭ پەردە ئارقىسىدا ئامېرىكا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش پىلانى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 «دۆلىتىمىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە بولۇشنى نىشان قىلماقتا. جۈملىدىن ھەرقانداق بىر دۆلەتكە بەرگەن ھەرقانداق نەرسىمىز - سوۋغىتىمىز شۇ ھەمكارلىققا بولغان ھۆرمىتىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ، قاتار ئۈچۈنمۇ ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us