ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى پەلەستىنلىك پائالىيەتچىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى
پەلەستىنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەھمۇد خەلىل ئايالى ۋە يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغاندىن كېيىن، لۇئىسئانا ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا - چېگرا قوغداش ئىدارىسىدا داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى پەلەستىنلىك پائالىيەتچىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى
/ Reuters
5 orë më parë

ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا - چېگرا قوغداش ئىدارىسى پەلەستىنلىك پائالىيەتچىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.

ئامېرىكا پۇقرالار ئەركىنلىكى بىرلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا - چېگرا قوغداش ئىدارىسى  بىلەن خۇسۇسىي بىر تۈرمە شىركىتى پەلەستىنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى مەھمۇد خەلىلنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بۇ ئەھۋالنى پەلەستىننى قوللاش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن خەلىلدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا قانۇنلۇق دائىمىي تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە 30 ياشلىق خەلىل، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مارت ئېيىدا نيۇ يوركتىكى ئۇنىۋېرسىتېتقا تەۋە تۇرالغۇسىدا قولغا ئېلىنغان. ئۇنىڭ كۆچمەنلىك رەسمىيەتلىرى نيۇ جېرسىي ئىشتاتىدا داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان مەركىزىي لۇئىسئانا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا - چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىدە نەزەربەند ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خەلىلنىڭ ئايالى نۇر ئابدۇللاھ ئامېرىكا پۇقرالار ئەركىنلىكى بىرلىكىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«دادىسىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىمىزنى كۆرۈشى ئۈچۈن 1000 مىلدىن (1600 كىلومېتىردىن) ئارتۇق ئۇچۇپ لۇئىسئاناغا كەلدۇق. ئەمما كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا - چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىزگە بۇ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقنىمۇ بەرمىدى.

بۇ پەقەت رەھىمسىزلىكلا ئەمەس. بۇ، ئائىلىلەرنى رەھىمسىزلەرچە ئايرىۋېتىدىغان بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىن پىلانلانغان رەھىمسىزلىكىدۇر.»

TRT Global - Detained in US, pro-Palestine student misses his son's birth

Hundreds of students have seen their visas revoked, with some saying they were targeted for everything from writing opinion articles to minor arrest records.

🔗

 ئامېرىكا پۇقرالار ئەركىنلىكى بىرلىكى ۋە ئاساسىي قانۇن ھەق - ھوقۇقلىرى مەركىزى، فېدېراتسىيە ھۆججەتلىرىنىڭ بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆرۈشۈشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خەلىلنىڭ ئادۋۇكاتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈشى ئۈچۈن بىرنەچچە قېتىم رەسمىي تەلەپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا - چېگرا قوغداش ئىدارىسى ۋە تۈرمە شىركىتى GEO Group، تۈرمىدىكى «ئومۇميۈزلۈك كۆرۈشۈشنى چەكلەش سىياسىتى» ۋە ئانا بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بىخەتەر بولمىغان جايدا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئېنىقسىز «بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى» نى باھانە قىلىپ بۇ تەلەپنى رەت قىلدى.

ئاساسىي قانۇن ھەق - ھوقۇقلىرى مەركىزىنىڭ قانۇن ئىشلىرى دىرېكتورى باھىر ئەزمى مۇنداق دېدى:

«ھۆكۈمەت پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مەھمۇدنى جازالاش مەقسىتىدە ئۇنى مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتا نەزەربەند قىلىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش يولىنى تاللىدى.»

«‹New York Times› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نيۇ جېرسىي ئىشتاتىدىكى فېدېراتسىيە سوتچىسى مايكېل ئې. فاربىيارز، چارشەنبە كۈنى كەچتە خەلىلنىڭ ئايالى ۋە ئادۋوكاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن. ئەمما بۇ بۇيرۇقتا ئۇنىڭ 21-ئاپرېل كۈنى تۇغۇلغان ئوغلى دېننى كۆرۈشىگە ياكى قۇچىقىغا ئېلىشىغا ئوچۇق-ئاشكارا رۇخسەت قىلىنمىغان.

ھۆكۈمەت سوت ھۆججەتلىرىدە خېلىلنىڭ بالىسىنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنىڭ باشقا مەھبۇسلارغا بېرىلمىگەن ئالاھىدە مۇئامىلە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا - چېگرا قوغداش ئىدارىسى دائىرىلىرى يەنە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ قوغدىلىۋاتقان بۇ تۈرمىگە ئېلىپ كېلىنىشىنىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىنى، چۈنكى بۇ تۈرمىدە ئاياللار ياكى بالىلارنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 پەلەستىننى قوللايدىغان ئاۋازلارنىڭ باستۇرۇلۇشى

 خەلىلنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پەلەستىننى قوللايدىغان ئاۋازلارغا قارىتىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك باستۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى بولدى.

خەلىل قولغا ئېلىنىپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، (بۇ ۋەقەلەر ئارقىلىق) ترامپ ھۆكۈمىتى (نىڭ پوزىتسىيەسى) گە ئائىت ئىلگىرى سۈرۈلگەن قاراشلارنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى، ھەمدە جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان، پەلەستىننى قوللايدىغان يەنە بىر ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچى بەدەر خان سۇرى قولغا ئېلىندى. ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئايالى پەلەستىنلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا سۇرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، دائىرىلەر پەلەستىننى قوللايدىغان يەنە بىر ئوقۇغۇچى مومودۇ تائالنىڭ تەسلىم بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.

25-مارت كۈنى، كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يۇنسېئو چۇڭ، ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قاتناشقانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشىنى توختىتىشى ئۈچۈن ترامپ ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇ كۈنى، تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى رۇمەيسا ئۆزتۈرك، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا دائىرىلىرى تەرىپىدىن كۈندۈزى قولغا ئېلىندى.

14-ئاپرېل كۈنى، دائىرىلەر پۇقرالىق سۆھبىتى جەريانىدا موھسىن مەھدەۋىنى قولغا ئالدى، ئەمما ئۇ 30-ئاپرېل كۈنى قويۇپ بېرىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us