ھىندىستاننىڭ يېڭى مائارىپ سىياسىتى تىل ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇنازىرىنى قايتا قوزغىدى. جەنۇبتىكى تامىل نادۇ ئىشتاتى ھىندى تىلىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.
بۇ زىددىيەت كۆپ تىللىق، فېدېراتىپ ۋە كۆپ مەدەنىيەتلىك دېموكراتىك جەمئىيەتتىكى دۆلەت كىملىكى توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۆتكەن ئايدا ئوتتۇرا مەكتەپ مەركىزىي ئوقۇتۇش كېڭىشىنىڭ (CBSE) 2025-2026ئوقۇ-ئوقۇتۇش يىلىدىن باشلاپ 10-سىنىپنىڭ ئاخىرىدا يىلدا ئىككى قېتىم ئىمتىھان ئېلىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان سىياسەت لايىھەسىنى ئېلان قىلىشى بىلەن بۇ مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى؛ بۇ قەدەم تىل دەرسلىرى توغرىسىدا بىر قاتار سوئاللارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئوتتۇرا مەكتەپ مەركىزىي ئوقۇتۇش كېڭىشى لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا مەكتەپ مەركىزىي ئوقۇتۇش كېڭىشىنىڭ رەسمىي تور بېتىگە چىقىرىلغان 2024-2025-يىللىق مەۋجۇت ئوقۇ-ئوقۇتۇش پىلانىغا سېلىشتۇرغاندا، 10-سىنىپ ئاخىرقى ئىمتىھانىدىكى تىل دەرسلىرىدە ئۆزگىرىش بار ئىدى.
10 -سىنىپ سىياسەت لايىھەسىدە، ئىنگلىزچە ۋە ھىندى تىلى دەرس گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا 1-تىل ۋە 2-تىل سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان، باشقا يەرلىك ۋە چەت ئەل تىللىرى بولسا، يەرلىك ۋە چەت ئەل تىللىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
ھىندىستاننىڭ تىل خىلمۇخىللىقىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى
ھىندىستاندا 1300 دىن ئارتۇق تىل بار بولۇپ، ئاساسىي قانۇندا رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان تىل سانى 22؛ ھىندى تىلى ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان تىل بولسىمۇ، ئۇ پەقەت 44 پىرسەنت ھىندىستانلىقلارنىڭ ئانا تىلىدۇر.
بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى تامىل نادۇ ئىشتاتى ئۇزۇندىن بۇيان ھىندى تىلىنى دۆلەت مىقياسىدا ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇنى ئۆزىنىڭ دراۋىدىيان تىل مىراسىغا بىر خىل تەھدىت دەپ قارايدۇ.
بۇ قارشىلىقنىڭ تارىخى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. ئۇ چاغدا تامىل نادۇدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ھىندىستان ھۆكۈمىتىنى ئىنگلىز تىلى بىلەن ھىندى تىلىنىڭ رەسمىي تىل سۈپىتىدە داۋاملىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىر سىياسەتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. بۇ كېلىشىم ئون يىللار جەريانىدا ئاساسەن ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى جىددىيچىلىكنى قايتا قوزغىدى.
نۆۋەتتىكى زىددىيەت: 2020-يىللىق دۆلەتلىك مائارىپ سىياسىتى ۋە تىل
2020 -يىللىق دۆلەتلىك مائارىپ سىياسىتى (NEP 2020) ۋە يېقىندا ئېلان قىلىنغان مائارىپ لايىھەلىرىگە مەبلەغ ئاجرىتىشتا ھىندى تىللىق مەكتەپلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغان ھۆكۈمەت يوليورۇقى بىلەن بۇ مۇنازىرە قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى.
تامىل نادۇنىڭ باش مىنىستىرى م.ك. ستالىن بۇ ھەرىكەتكە قارشى چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ھىندى تىلىدا سۆزلىمەيدىغان ئىشتاتلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بھاراتىيا جاناتا پارتىيەسى (BJP) رەھبەرلىكىدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت، ھىندى تىلىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللىي بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە خىزمەت پۇرسىتىنى ياخشىلايدۇ دەپ قارايدۇ. بىراق، تەنقىدچىلەر بۇنىڭ ھىندى تىلىدا سۆزلىمەيدىغانلارنى، بولۇپمۇ فېدېرال ھۆكۈمەت خىزمەتلىرى ۋە ئالىي مائارىپتا ساھەسىدە ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
تامىل نادۇ 2020-يىللىق دۆلەتلىك مائارىپ سىياسىتىنى (NEP 2020) ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، فېدېرال ھۆكۈمەتنىڭ 247 مىليون دوللارلىق مائارىپ مەبلىغىنى تۇتۇپ قالغانلىقىدىن شىكايەت قىلدى. باش مىنىستىر م.ك. ستالىن باش مىنىستىر نارېندرا مودىدىن مەبلەغنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، «تامىل نادۇنى سودىلىشىش ئارقىلىق تەسلىم قىلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.
بۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا، پارلامېنتتا فېدېرال مائارىپ مىنىستىرى دھارمېندرا پرادھاننىڭ ستالىننىڭ پارتىيەسى دراۋىدا مۇننېترا كازھاگام (DMK) نى «بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا» ۋە «دېموكراتىك ئەمەس، مەدەنىيەتسىز» دەپ ئەيبلىشى تامىل نادۇدىكى ھۆكۈمران پارتىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، تالاش-تارتىش قايتىدىن كۈچەيدى.
فېدېراتسىيە ۋە كىملىك مەسىلىسى
بۇ مەسىلىنىڭ نېگىزىدە فېدېراتسىيە — ھىندىستاننىڭ مەركىزىي ھاكىمىيەت بىلەن ئىشتات ئاپتونومىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقى ياتىدۇ. تامىل نادۇنىڭ قارشىلىقى تىل ۋە مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى قورقۇنچىغا ئاساسلانغان بولۇپ، بۇ كانادا (فىرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە) ۋە بېلگىيەدىكى (گوللاندىيەچە ۋە فىرانسۇزچە) باشقا كۆپ تىللىق دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى ئەندىشىلەرگە ئوخشايدۇ.
تامىل نادۇنىڭ ھىندى تىلىغا قارشى تۇرۇشى 1937- يىلغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئىجتىمائىي ئىسلاھاتچى پېرىيار رەھبەرلىكىدىكى نامايىشلار ئۇ چاغدىكى مادراس پرېزىدېنتلىق ھۆكۈمىتىنى مەكتەپلەردە ھىندى تىلىنى مەجبۇرىي ئوقۇتۇشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان. ھىندى تىلىغا قارشى ھەرىكەت 1965-يىلى تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ ئىشتاتتىكى كونگرېس ھاكىمىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋە تامىل نادۇنىڭ قاتتىق ئىككى تىللىق سىياسىتىنى – تامىل ۋە ئىنگلىزچىنى – ھىندىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا ئەمەل قىلىنىدىغان ئۈچ تىللىق فورمۇلادىن پەرقلىق ھالدا مۇستەھكەملىگەن.
بۇ مۇنازىرە 2020-يىللىق دۆلەتلىك مائارىپ سىياسىتى (NEP 2020) بىلەن قايتا ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ سىياسەت «ھىندىستانغا خاس» ئىككى تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تىلنى تەۋسىيە قىلىدۇ. باش مىنىستىر م.ك. ستالىن بۇنىڭ ھىندى تىلىنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تامىل نادۇنىڭ قارشى تۇرۇشىنى كۈچەيتتى.
مائارىپ مۇتەخەسسىسى دوكتور ۋ. نىرانجانارادھيا، جەنۇبىي ھىندىستان ئىشتاتلىرى ھىندى تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ تىللىق فورمۇلاغا ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، شىمالىي ھىندىستان ئاساسەن بىر جەنۇبىي ھىندىستان تىلىنى ئۆگىنىش مەجبۇرىيىتىگە پىسەنت قىلماي، بۇ سىياسەتنى «مەغلۇبىيەت»كە ئۇچراتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ: «دۇنيا كۆپ تىللىقلىققا قاراپ ماڭماقتا، بىراق بۇ يەردە، بىز يەنىلا بىر تىلنى مەجبۇرىي يۈرگۈزۈۋاتىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
تامىل نادۇ بۇ سىياسەتنىڭ ھىندى تىللىق ئىشتاتلارنى ئەۋزەلىككە ئىگە قىلىپ، تەڭسىزلىكنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بۇ تالاش-تارتىش پەقەت مائارىپ مەسىلىلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى مەركەزىيلەشتۈرۈش ۋە رايونلۇق ئاپتونومىيە توغرىسىدىكى تېخىمۇ كەڭ ئەندىشىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
دۇنيا مىقياسىدىكى ئوخشاش ئەھۋاللارنىڭ سېلىشتۇرمىسى: تىل ۋە مائارىپ سىياسەتلىرى
ھىندىستاننىڭ تىل مەسىلىلىرى باشقا كۆپ تىللىق دۆلەتلەردىكى مۇنازىرىلەرگە ئوخشايدۇ. كانادادا، كىۋېبېك ئىنگلىز تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى فىرانسۇز تىلىنى قەتئىي قوغداپ كەلگەن. شىۋېيتسارىيەدە، بىرىنى باشقىسىدىن ئۈستۈن كۆرمەيدىغان ئەستايىدىل فېدېرال سىياسەتلەر ئارقىلىق تۆت رەسمىي تىل بىللە ياشاپ كەلمەكتە.
ھىندىستاننىڭ تىل مەسىلىسى ھەجمىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئۇنىڭ نېگىزلىك پىرىنسىپى يەنىلا مۇنداق: كۆپ تىللىق بىر دۆلەت ھەر قانداق گۇرۇھنى چەتكە قاقماستىن، قانداق قىلىپ ئادىل مائارىپ ۋە باشقۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ؟
يۇنېسكونىڭ بىر دوكلاتى كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «بالىلار ئانا تىلىدا ئەڭ ياخشى ئۆگىنىدۇ» دەيدۇ. بىر تىلنى باشقا تىللاردىن ئۈستۈن قويىدىغان سىياسەتلەر ئۆگىنىش نەتىجىلىرىگە توسالغۇ بولۇشى ۋە مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرسەتلىرىنى چەكلىشى مۇمكىن.
كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟
تامىل نادۇ ھىندىستاندىكى تىل سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ مۇنازىرە تۈگەيدىغاندەك قىلمايدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل تىل رايونلىرى ئارىسىدا مائارىپ باراۋەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۆز پوزىتسىيەسىنى قايتا ئويلىشىشىغا توغرا كېلىشى مۇمكىن. تېخىمۇ كەڭ مەنىدە مۇنداق بىر سوئال ئوتتۇرىغا چىقماقتا: ھىندىستان مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرماستىن، ئۆزىنىڭ رەڭدار تىل بايلىقى ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالامدۇ؟
يۇقىرىدىكىلەر بارلىق كۆپ تىللىق جەمئىيەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان «مىللىي كىملىكنى ئاجىزلاشتۇرماستىن تىل كۆپ خىللىقىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش كېرەك؟» دېگەندىن ئىبارەت ئاساسىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.