ئالدىنقى ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى-ئىسرائىلىيە شېرىكلىك كېڭىشىدە، بىريۇسسېل غەززەنى قايتا قۇرۇش، مۇددىتى ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ۋە يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش پىلانىنى قوللىدى.
نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى قورشاش پىلانىغا قارشى پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم بېرىش چاقىرىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ يەردە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى مۇساپىرلار لاگېرلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى ۋە شىمالدىكى پۈتۈن شەھەرلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەمما غەززەنىڭ كېلەچىكىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە خەلقئارا قانۇننى قوغداش ھەققىدە بېرىلگەن باياناتلارغا قارىماي، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تەييار ئەمەسلىكىگە دائىر ئالامەتلەر بار.
بۇ توسالغۇلار تۆۋەندىكىچە:
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى چوڭقۇر ئىختىلاپلار ۋە تەسىر كۆرسىتىشتىكى قىيىنچىلىقلار
ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدىكى رىقابەتچىلىك ئاساسىدىكى ئوخشىمىغان پوزىتسىيەلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇش جەھەتتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى غەززە ئۈچۈن زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى چىققان قاھىرەنىڭ ئەللىك ئۈچ مىليارد دوللارلىق ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەززەنى قايتا قۇرۇش پىلانىنى قوللىدى. بۇ پىلان پەلەستىنلىكلەرنىڭ غەززەدىن ئايرىلىپ قېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرىگە قويۇلمىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تۈپەيلى جاۋابكارلىققا تارتىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى، ئىتتىپاقنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنى كۈچكە قىلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداش ۋەدىسىگە زىت ھالغا كەلتۈرمەكتە.
ئىسپانىيە ۋە ئىرېلاندىيەنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىي ھۈججىتى بولغان ئىسرائىلىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى شېرىكلىك كېلىشىمىنى دەرھال قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش تەلىپىگە تېخىمۇ كۆپ نەزەر تاشلاشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر.
بۇ كېلىشىمنىڭ 2-ماددىسىدا، «ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر <كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىش> نى شەرت قىلىدۇ» دېيىلىدۇ، ئەمما كۆپلىگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئۆتكەن ھەپتە بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىشنى رەت قىلدى.
بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئېتنىك تازىلاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە سادىر قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە.
ئونتارىيودىكى ۋېستېرن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى مايكېل لىنك مۇنداق دەيدۇ:
«ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە ۋە سلوۋاكىيە قاتارلىق ئەللەر ئىسرائىلىيەنى مەنىلىك تەنقىد قىلىنىشتىن قوغداشنى خالايدۇ.
بۇ بولسا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈنۈملۈك سىياسەتنى يولغا قويۇش ھەرىكىتىنى چەكلىمەكتە ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان تەقدىردە قوللىنالايدىغان بەزى سىياسىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.»
گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرئاز بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ئىنتايىن چەكلىكتۇر. ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن بىلەن تالاش-تارتىشلىق تىنچلىق مۇساپىسى شەكىللەندۈرۈشتە زور رول ئوينىماقتا ھەمدە تەسىرىنىڭ دائىرىسى ھازىر غەززەدىكى قايتا قۇرۇش ياردىمىگىچە سوزۇلماقتا.
ۋاشىنگتوننىڭ كۆپەيتىلگەن ياردىمى، ئومۇمەن خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىۋاتقان «غەززەنى ئىگىلىۋېلىش پىلانى» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەززە سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى بىريۇسسېل پەلەستىنلىكلەرنىڭ داۋاملىق يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مىسىر يېتەكچىلىكىدىكى غەززەنى قايتا قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقى ئىتتىپاققا نىسبەتەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا: بۇ ئەھۋال ئاخىرىدا مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ قوللىشىنى تەقەززا قىلىشى مۇمكىن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىل ئىتتىپاقنىڭ غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ناچار تەسىر قالدۇرۇشىدۇر.
ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىي كۆچمەنلەر ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتىلغان ئىلگىرىكى جازالارنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى.
بۇ ئەھۋال پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە قوغداشتىكى ئاساسىي ئامىل بولغان ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇشىغىمۇ پايدىسى بولمىدى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە ۋەكىلى تەمىنلىگەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش جىنايەتلىرىنىڭ دەسلەپكى دەلىللىرىنى قەستەن كۆرمەسكە سالدى، شۇنداقلا سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىش ياكى قورال ئېكسپورت قىلىش رۇخسەتنامىلىرىنى رەت قىلىش ھەققىدىكى مەسلىھەتىنى كۆرمەسكە سالدى.
بۇ پوزىتسىيەلەر ئىسرائىلىيەنىڭ 15 ئايلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا ئوچۇق كۆرۈلگەن تۇرسا، پەلەستىنلىكلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يولىنى ئۆزگەرتىشىگە قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقى
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە قارىتا جىددىي ھەمكارلىق ئورنىتىش خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلىش ئىستېكى ئىتتىپاقنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى ئىشەنچلىكلىكىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.
ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز يەرلىشىشنى كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ كۆپ نەزەر تاشلاشقا ھاجەت يوق.
ئىسرائىلىيە دۆلىتى قوللاۋاتقان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قارشى ھۇجۇملىرى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى ۋەيران قىلىش قىلمىشلىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي كۆچمەنلەر بىلەن بولغان سودا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈشنى رەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ 2024-يىلىدىكى قارارىغا رىئايە قىلىشى ئۈچۈن ئاچقۇچ دەپ قارالغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى يەھۇدىي كۆچمەنلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلى پەلەستىنلىكلەرگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەتلەردە ھەمكارلىق قىلىش خەتىرىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى يەنە يېتەرسىز قالماقتا.
پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن زورلۇق بىلەن قوغلاپ چىقىرىش ئەھۋالىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى: بىريۇسسېل ئىسرائىلىيەنىڭ قىرىق مىڭ پەلەستىنلىكنى مەجبۇرىي ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشىغا شاھىت بولدى. پەقەت بۇ ھەرىكەتنى خەلقئارا قانۇننىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ۋە «ئۇرۇش جىنايىتى» دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلەندى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمىنىڭ يېتەرسىزلىكى ئىسرائىلىيەگە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى پەلەستىنلىكلەرنى كەڭ دائىرىلىك مەجبۇرىي ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش باسقۇچىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكتە. ھالبۇكى، بۇ يېقىنقى ئون يىللاردىكى ئەڭ چوڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشى بولۇپ، بۇ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى قانۇنسىز يەرلىشىش ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
بۇلارنىڭ ھەممىسى زوراۋانلىق خەتەرلىرىنى ئازايتىش ياكى پەلەستىن زېمىنلىرىنى نىسبىي تېنچلىققا يېقىنلاشتۇرۇشتا نېمىگە ئەسقېتىدۇ؟
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا بولغان پاسسىپ پوزىتسىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئوڭچىل ھۆكۈمىتىگە يېڭى ئىشغالىيەت پىلانىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى ئۈچۈن ئىلھام مەنبەسى بولدى.
كانادا ماۋنت رويال ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىيولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى مۇھەننەد ئەيياش «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ:
«ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشانلىرى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېخىمۇ پەلەستىنلىكلەرنى سۈرگۈن قىلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بولغان تەلەپلەرنى يەنە بىر قېتىم ۋە مەڭگۈلۈك يوق قىلىشتۇر.
بۇ نىشانلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىغان نىشانلىرىغىمۇ زىتتۇر.»
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سىياسەتلىرى غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ كېلەچىكىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىختىلاپ ئۆتكىلىگە دۇچ كەلمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا تەسىر كۈچى چەكلىك بەزى دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ياردەم بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەرگىزمۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلالمايدۇ.