خىتاينىڭ فىلىپپىن باش ئەلچىخانىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا «ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشنى» توختىتىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، مانىلا ھۆكۈمىتىگىمۇ سۇ يوللىرىغا ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تاشقى كۈچلەرگە تايىنىۋالماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.
خىتاي باش ئەلچىخانا باياناتچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت باشلىقى كايا كاللاسنىڭ فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلاغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، خىتاينىڭ بەزى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن زىددىيەتلىك بولغان دېڭىز تەۋەلىكى تەلىپى توغرىسىدىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەنلىكىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى.
باش ئەلچىخانىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، باياناتچى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تالاش-تارتىشلىرىنىڭ بىر تەرىپى ئەمەس، ھەمدە خىتاي بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىغا ئارىلىشىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس» دېدى.
باياناتچى يەنە: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز ھوقۇقلىرىغا ھەقىقىي مەنىدە ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى.

فىلىپپىننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئېلېكترونلۇق خەت ئارقىلىق قىلىنغان ئىنكاس قايتۇرۇش تەلىپىگە جاۋاب بەرمىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە فىلىپپىن بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا كاللاسنىڭ فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا قانۇنلۇق دېڭىز-ئوكيان پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان فىلىپپىن پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىغا قاراتقان «قانۇنسىز، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك، تاجاۋۇزچىلىق ۋە ئالداش خاراكتېرلىك تەدبىرلىرى» گە قارىتا ئەندىشىلىرى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي؛ برۇنېي، ھىندونېزىيە، مالايسىيا، فىلىپپىن ۋە ۋيېتنامنىڭ مۇستەسنا ئىقتىسادىي رايونلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.