سىياسەت
6 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى سېتىۋېلىش پىلانى گىرېنلاندىيەلىكلەرنى بىرلەشتۈرمەكتە
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى شىمالىي قۇتۇپقا كىرىش يوللىرىنى ئاچقان بولۇپ، يەرلىك خەلق، ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان ۋەتىنىنىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى گېئوپولىتىك كۈرەشنىڭ پىچكىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى سېتىۋېلىش پىلانى گىرېنلاندىيەلىكلەرنى بىرلەشتۈرمەكتە
كەڭ نەزەر: ئىنۇئىت مىللىي ئىپتىخارى گىرېنلاندىيە سايلىمىدا مۇستەقىللىق كەيپىياتىنى قوزغىدى / Reuters
March 26, 2025

ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى گىرېنلاندىيەلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىغا تەھدىت سالماقتا.

 لىسا سولرۇن خىرىستىيانسېن، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەتىگىنى سائەت 4 تە ئورنىدىن تۇرىدۇ ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلىرى تەرىپىدىن زاكاز قىلىنغان گىرېنلاندىيەنىڭ ئەنئەنىۋى ئىنۇئىت مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىسسىق، قېلىن يۇڭ پوپايكىلارنى توقۇشنى باشلايدۇ.

ئۇنىڭ ئەتىگەنلىك ئادەتلىرى، خەۋەرلەرگە تېز كۆز يۈرگۈرتۈپ چىقىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەتىنى — گىرېنلاندىيە ھەققىدىكى پىلانلىرىغا ئالاقىدار ھېكايىلەر ئۇنىڭ ئادىتى ۋە ئارامىنى بۇزماقتا.

خىرىستىيانسېن بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا كۆپكۆك مۇز تاغلىرى لەيلەۋاتقان دېڭىزغا قارىغان ھالدا، «مەن چارچاپ كەتتىم» دېدى.

ئىنۇئىت ۋە دانىيەلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزى بولغان خىرىستىيانسېن 57 ياشتا بولۇپ، گىرېنلاندىيەنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بىر سەنئەتكار ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان ئاتىسىنىڭ قىزىل-ئاق رەڭلىك گىرېنلاندىيە بايرىقىنى لايىھەلىشى، ئائىلىسىنىڭ ناھايىتى زور ئىپتىخار مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ، «ئۇ ئۆلۈم تۆشىكىدە بايراق ھەققىدە ئۇزۇن سۆزلىدى ۋە بايراقنىڭ ئۇنىڭ ئەمەس، خەلقنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى... زېھنىمدە ‹بايراقنىڭ گىرېنلاندىيە خەلقىنى بىرلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن› دېگەندىن ئىبارەت دائىمىي بىر جۈملە بار» دېدى.

ئەندىشە ئارىلى

گىرېنلاندىيەلىكلەر، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان دانىيە قارمىقىدىكى ۋەتەنلىرىنىڭ ، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ شىمالىي قۇتۇپقا كىرىش يوللىرىنى ئېچىشى بىلەن بىرگە، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ پىچكىسىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن بارغانسېرى كۈچلۈك ئەندىشە قىلماقتا؛ ترامپنىڭ، باي مىنېرال زاپاسلىرىغا ئىگە، ئىستراتېگىيەلىك ھاۋا ۋە دېڭىز يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گىرېنلاندىيەنى كونترول قىلىش نىشانىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى يوللىرىنى توسۇپ قويۇشىدىن قايغۇرماقتا .

بۇ ئەندىشىلەر، يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جەي دى ۋانسنىڭ ئايالى ئۇشا ۋانسنىڭ بۇ ھەپتە ئاخىرى گىرېنلاندىيەنى زىيارەت قىلىپ، دۆلەتلىك چانا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مايكل ۋالتز بىلەن ئېنېرگىيە مىنىستىرى كىرىس ۋرايت گىرېنلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىماقتا.

زىيارەت ئۇقتۇرۇشلىرى، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى ئامېرىكاغا قوشۇۋېلىش ئارزۇسىنى تەكرارلىشى بىلەن باشلانغان جىددىيچىلىكلەرنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. گىرېنلاندىيەلىكلەر ئامېرىكاغا قوشۇلۇشنى رەت قىلىدىغان يېڭى بىر پارلامېنت سايلاپ پەقەت ئىككى كۈندىن كېيىنلا، ترامپنىڭ ھەربىي بېسىم ئىشلىتىش ئېھتىماللىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، گىرېنلاندىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، «بەلكى ئۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي قىسىملارنى ئەۋەتىشىڭىز مۇمكىن» دېدى.

ساياھەت خەۋىرى يەرلىك سىياسەتچىلەرنىڭ دەرھال نارازىلىقىنى قوزغىدى ۋە بۇنىڭغا <ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر مەزگىلدە ئامېرىكا كۈچىنىڭ نامايان قىلىنىشى> دەپ باھا بەردى.

نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر مۇتې بوروۇپ ئېگېدې، «بۇلار بىلەن بىرلىكتە، بارلىق تاشقى ئارىلىشىشلارغا قارشى پۈتۈنلۈكىمىز ۋە دېموكراتىيىمىزگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىشىمىز كېرەك،» دېدى.

گىرېنلاندىيە 1721-يىلدىن بۇيان دانىيەنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئون يىللاردىن بۇيان مۇستەقىللىققا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ، نۇرغۇن گىرېنلاندىيەلىكلەر قوللايدىغان بىر نىشان، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنىڭ قاچان ۋە قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرى ئوخشىمايدۇ. ئۇلار دانىيەنى ئامېرىكالىق بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا تېگىشىشنى خالىمايدۇ.

سوئال شۇكى، ترامپ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ  ئاچقۇچى دەپ قاراۋاتقان بىر مەزگىلدە، گىرېنلاندىيەنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشىگە يول قويۇلۇپ-قويۇلمايدىغانلىقىدۇر.

داۋۇت ۋە جالۇت

ۋاشىنگتوندىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئاركتىكا مۇتەخەسسىسى ئوتتو سۋېندسېن، گىرېنلاندىيەنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى چەكلىك بولسىمۇ، ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە ۋە دانىيە بىلەن توقۇنۇشقا كىرىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئورنىغا نۇئۇك ۋە كوپېنھاگېندىكى ناتو ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سۋېندسېن، ترامپنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ گىرېنلاندىيەلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ۋە مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ: «گىرېنلاندىيەدە گىرېنلاندىيەلىكلەرنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ بۇ بېسىمىغا بويۇن ئەگمەيدىغان بىر خىل ئىپتىخار ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تۇيغۇسى بار. ئۇلار سادالىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ» دېدى. » دېدى.

دانىيە 2009-يىلى «گىرېنلاندىيەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان ۋاقىتتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. يەرلىك سايلىغۇچىلار تەرىپىدىنمۇ ماقۇللانغان بۇ قانۇن، دانىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى. ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقى، 1945-يىلى ئامېرىكا تەرىپىدىن ماقۇللانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر كېلىشىمىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى

ئەمما ترامپ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىدىن بەكرەك ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. يانۋاردا ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىغان ترامپ ئۇكرائىنانى نادىر يەر ئاستى بايلىقلىرى كېلىشىمىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى، پاناما قانىلىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى ھەتتا كانادانىڭ 51-ئىشتاتقا ئايلاندۇرۇلۇشى تەۋسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەمدى ئۇ دىققىتىنى كۆپىنچىسى يەرلىك ئىنۇئىتلاردىن تەركىب تاپقان 56,000 نوپۇسلۇق گىرېنلاندىيەگە بۇرىدى.

گىرېنلاندىيە دېڭىز مۇزلۇقلىرىنىڭ ئېرىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان قىممەتلىك ئېنېرگىيە ۋە مىنېرال بايلىقلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق رىقابەتنىڭ مەركىزىگە ئايلانماقتا. بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھازىر رۇسىيەنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا كىرىش ۋە نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم زونا ھېسابلىنىدۇ.

ئارالنىڭ غەربىي شىمالىي قىرغىقىدىكى پىتۇففىك ئالەم بازىسى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ قارشى تەرەپتىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ھەققىدە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش مەشغۇلاتلىرىغا ياردەم بېرىدۇ.

ترامپنىڭ قايتا سايلىنىشىدىن بۇرۇن، گىرېنلاندىيەلىكلەر بۇ ئالاھىدە ئورۇننى مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمدى بۇنىڭ ئۆزلىرىنى مۇداپىئەسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرىمەكتە.

نۇئۇك دېڭىزىدا ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر سۇ تاكسىسى شىركىتىنىڭ  خادىمى سېباستىيان روسىڭ، گىرېنلاندىيە ئاپتونومىيەسىنى تەكىتلەشكە ۋە ئىنۇئىتلار ئېتنىك كېلىپ چىقىشىنى تەبرىكلەشكە باشلىغان مەزگىلدە، ترامپنىڭ ئارالنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۆلىتىمىزنىڭ بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىكەنلىكىنى ئاقلاش ئىنتايىن غەلىتە ئىش. چۈنكى بۇ ھەر دائىم بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئىدى. مۇستەملىكىچىلىك سەۋەبىدىن مەدەنىيىتىمىزنى قايتۇرۇۋېلىۋاتىمىز» دېدى.


مۇتەخەسسىسلەر: ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە توغرىسىدىكى تەكلىپى ئارالدا مىللەتچى نارازىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن  

ئانالىزچىلار، ئامېرىكا پىرېزىدېنت نامزاتىنىڭ، گىرېنلاندىيە ۋە پاناما قانىلىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش توغرىسىدىكى جاسارەتلىك سۆزلىرى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئارىلىنى دانىيەدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشقا ئىتتىرىشى مۇمكىن، دېيىشمەكتە.

Trump's Greenland bid may stir nationalist unrest on the island — experts

US President-elect's audacious talk of taking control of Greenland and Panama Canal challenges long-held global norms, possibly driving the world's largest island to pursue independence from Denmark, analysts say.

🔗

ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەت

گىرېنلاندىيەلىكلەرنى ئامېرىكانى ياخشى كۆرمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ؛ ئۇلار نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان ئامېرىكالىقلارنى قارشى ئېلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىرېنلاندىيەنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىشغال قىلدى ۋە بىر قاتار ھاۋا ۋە دېڭىز بازىلىرىنى قۇردى.

ئۇرۇشنىڭ ئاياغلىشىشى بىلەن، پىرېزىدېنت ھاررى ترۇمان ھۆكۈمىتى، «گىرېنلاندىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېگەن قاراشنى ئاساس قىلىپ ئارالنى سېتىۋېلىشنى تەكلىپ قىلدى. دانىيە تەكلىپنى رەت قىلدى ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك بازا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

ترامپ بىرىنچى قېتىملىق پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە تەكلىپنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغاندا، دانىيەنىڭ دەرھال رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى ۋە ئۇنىڭغا <دىققەتنى بۇراش ئۈچۈن قىلىنغان بىر چاقچاق> دەپ باھا بېرىلدى. ئەمما ترامپ ھازىر بۇ پىكىرنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر كۈچ بىلەن ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا كونگرېسنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا سۆزلىگەن بىر نۇتقىدا، ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن گىرېنلاندىيەنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: « بۇنى ئۇنداق ياكى مۇنداق شەكىلدە ئالىمىز دەپ ئويلايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مارشال ئاراللىرىدىكى يېڭى بىر مودېلمۇ؟

شۇنداقتىمۇ ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەدە تەرەپدارلىرى بار.

جورگېن بواسسېندىن چوڭراق تەرەپدار يوق. بواسسېن  بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆتكەن يىلىدىكى سۇيىقەست ھەرىكىتىدىن كېيىن ترامپنىڭ يۈزىدە قان ۋە مۇشتى ھاۋادا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بىر مايكا كىيىۋالغان بولۇپ، سۈرەتنىڭ ئاستىغا «ئامېرىكانىڭ ناچار ئادىمى» دېگەن شوئار يېزىلغان ئىدى.

بواسسېن ئامېرىكا بىلەن گىرېنلاندىيەنىڭ تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئىلگىرىكى ترامپ ئەمەلدارى توماس دانسنىڭ «ئامېرىكا سەھىرى» ناملىق بىر تەشكىلاتتا ئىشلىمەكتە.

ئۆزىنى «110 پىرسەنت» ئىنۇئىت دەپ تەرىپلىگەن سابىق خىش ئۇستىسى، دانىيەنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ مۇستەملىكە تۈزۈمى جەريانىدا ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقى قارىشىنى ئاساس قىلىدىغان نۇرغۇن شىكايەتلىرى بار؛ ئۇ بۇنىڭغا بولۇپمۇ 1970-يىللاردا رۇخسەتسىزلا تۇغۇت كونترول قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتقان ئىنۇئىت ئاياللىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىدۇ.

ترامپ ئامېرىكانىڭ ئارقا ئىشىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك، دەيدۇ بواسسېن. چۈنكى دانىيە گىرېنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسىلىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.

ئەمما ئۇمۇ گىرېنلاندىيەنىڭ  ئامېرىكانىڭ 51-ئىشتاتى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولىدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئۇنىڭ كاللىسىدا، گىرېنلاندىيەنىڭ 1986-يىلى مۇستەقىللىق قازانغاندا ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشكەن ئەركىن مۇناسىۋەت كېلىشىمىگە ئوخشاش بىر نەرسە بار. بۇ كېلىشىم، تىنچ ئوكيان تاقىم ئاراللىرىنى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۆز تاشقى سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ، ئەمما مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك كونتروللۇقىنى ئامېرىكاغا تاپشۇرىدۇ.

بۋاسسېن، « 2025 -يىلدا ياشاۋاتىمىز. شۇڭا ئۇلارنى بۇ يەرگە كېلىپ ئارالنى تارتىۋالالايدۇ، دەپ ئويلىمايمەن» دېدى.

نېمىلا بولمىسۇن، كۆپىنچە گىرېنلاندىيەلىكلەر، ئارالنىڭ تەقدىرىنىڭ ترامپقا ئەمەس، ئۆزلىرىگە ئائىت بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھەمپىكىر.

خىرىستىيانسېن توقۇش يىڭنىلىرى ھەرىكەتلىنىۋاتقان مەنزىرىگە قارىغان ھالدا، «بىز بىرلىكتە تۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.


ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە بېسىمى نوردىك ئىتتىپاقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كىردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ ئارىلىنى ئىگىلىۋېلىش تەھدىتى، نوردىك دۆلەتلىرى ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ئارىسىدا گېئوپولىتىك قايتا تەرتىپكە سېلىشقا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

Trump’s Greenland push puts Nordic unity under the spotlight

The US President’s threat to take over the Arctic island could lead to a geopolitical realignment among the Nordic countries and with other Western powers.

🔗

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us