ھاماس غەززەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن مىنا پارتلاش ۋەقەسىدە بىرقانچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھەربىي سانلىق مەلۇماتلار تېل ئاۋىۋ غەززەگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 853 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر مىنا مەيدانىدا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا بىرنەچچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام بىرىگادىلىرى ئەسكەرلىرىنىڭ خان يۇنۇسنىڭ شەرقىدىكى ئەلفاراھىن رايونىدا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بىر مىنا مەيدانىنى پارتلىتىپ، بىرنەچچە ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە يارىلاندۇرغانلىقىنى، ھاماس ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ رايونغا مىناميوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن بىر تىك ئۇچارنىڭ رايونغا قونغانلىقى ۋە زىيانغا ئۇچرىغان بىر ماشىنىنىڭ رايوندىن چىقىرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا بۇ خەۋەر ھەققىدە دەرھال بىر بايانات ئېلان قىلمىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 853 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلگەن، 5758 ئەسكىرى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ غەززەگە قارشى ۋەھشىيلەرچە قەتلىئام يۈرگۈزۈشكە باشلىدى، بۇ قەتلىئام داۋامىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 52 مىڭ 600 دىن ئارتۇق كىشى قەتل قىلىندى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى يىلى نويابىر ئېيىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدە ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.
ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايوندىكى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.