«فوكۇس تەيۋەن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرلىقى (MODA) فېيسبۇكنىڭ ئانا شىركىتى بولغان مېتا سۇپىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىگە ئېلان بەرگۈچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ «ئاشكارىلىنىش دەرىجىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى»نى سەۋەب كۆرسىتىپ، 512 مىڭ 324 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويغان.
رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرلىقى مېتانىڭ يېقىندا قاراپ چىقىلغان 23 دېلودا ئېلان بەرگۈچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ئاشكارىلاپ بەرمىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، شىركەتكە جەرىمانە قويغان. قاراردا كۆرسىتىلىشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر شىركەتنىڭ، ئېلاننى ئېلان قىلغان ياكى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن شەخس ياكى ئورگانلارغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان «ئالدامچىلىق جىنايىتى خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ مېتا شىركىتىنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلە سەۋەبلىك تەيۋەندە ئىككىنچى قېتىم جازالىنىشى ھېسابلىنىدۇ. شىركەتكە 22-ماي كۈنى تەخمىنەن 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلغانىدى.
فېيسبۇك تەيۋەندىكى ئالدامچىلىق ئېلانلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتىدۇ.
«كوممونۋېلس» ژۇرنىلىدا 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغان دۇنيا ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان تەيۋەنلىكلەرنىڭ %60 تىن كۆپرەكى مېتا سۇپىسىدا ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
«فوكۇس تەيۋەن» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مېتا شىركىتى 2024-يىلدىن بۇيان دەلىللەش تەرتىپىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىكى دەلىللەنمەي تۇرۇپ ئېلان چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىركەت 2024-يىلى سۇپىلىرىدىن 146 مىڭدىن ئارتۇق ئېلان ھېسابىنى ۋە 1 مىليون 600 مىڭ ئالدامچىلىق ئېلانىنى تازىلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مېتا شىركىتى ئۇچۇرلارنى داۋاملىق ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ۋە سۇپىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن رەقەملىك ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەمدە جىنايى ئىشلارنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر مېتاغا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 30 كۈنلۈك مۆھلەت بەرگەنلىكىنى، ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۈزىتىلمىسە، يەنە قايتا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىدىن ئېيتپ ئاگاھلاندۇردى.