تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان ناتونىڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە غەززەدە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى
مىنىستىر فىدان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئانتاليادىكى غەيرىي رەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتتە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىدە توختالدى.
فىدان ناتونىڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ۋە غەززەدە تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى
خاقان فىدان: «بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز يەنىلا بىرلىكىمىز ۋە ھەمكارلىقىمىز» دېدى / AA
17 часов назад

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئانتاليادىكى غەيرىي رەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتتە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىدە توختالدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ناتونىڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ «ئۇكرائىنا ۋە غەززەگە ئوخشاش جايلاردا» تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىدان، چارشەنبە كۈنى ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن ناتو غەيرىي رەسمىي يىغىنى دائىرىسىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ: «ئىتتىپاقىمىز ياقلاۋاتقان تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئوخشاش ئاساسىي قىممەت قاراشلار، ئۇكرائىنا ۋە غەززەگە ئوخشاش جايلاردا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىتكە ئۇچرىماقتا» دېدى.

ناتونى «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىتتىپاق» دەپ ئاتىغان فىدان، ئۇنىڭ كۈچىنىڭ پەقەتلا ئۆزلىرى كوللېكتىپ ئىگىدارچىلىق قىلىۋاتقان ھەربىي قۇدرىتىنىلا ئەمەس،
«تېخىمۇ مۇھىمى، ئورتاق قىممەت قاراش، پىرىنسىپ ۋە غايىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر گەۋدە بولغانلىقى»نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر فىدان، «بۇ (مۇۋەپپەقىيەت)، ئارىلاشما خىرىسلار بىلەن بىر قاتاردا، تېرورىزم دېموكراتىيەلىرىمىز ئۈچۈن ئېغىر خەۋپلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئەڭ كۈچلۈك بايلىقىمىز بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىمىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يىغىننىڭ ئەھمىيىتىگە ئاغدۇرۇپ، پەيشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ ئىيۇن ئېيىدا لاھەيدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرىكى قويۇق مۇزاكىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كەچلىك زىياپەتنىڭ، تېخىمۇ ئەركىن-ئازادە مۇھىتتا پىكىرلەرنىڭ غەيرىي رەسمىي ھالدا مۇزاكىرە قىلىنىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فىدان، ئىنسانىيەتنىڭ سىدە شەھىرى قۇرۇلغان  مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىردىن بۇيان نۇرغۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى، «لېكىن ئورتاق قىممەت قاراشلىرى بىلەن بىرلىشىدىغانلارنىڭ كوللېكتىپ كۈچ ۋە ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ، ئۇ زاماندىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى» تەكىتلىدى.

ناتو دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار

فىدان، پەرقلەرگە قارىماي ئاخىرقى نىشان ۋە ساداقەت مەسىلىسىدە بىرلىك بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ بۇنى، ئىتتىپاقنىڭ ئىرادىسى ۋە ۋەدىلىرىنى «ئۈنۈملۈك، ئادىل ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەكىلدە» قوللايدىغان مۇھىم ئامىللار بىلەن بىرلەشتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«بۇلار، ئىتتىپاقىمىز ئىچىدە ئادىل ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان يۈك تەقسىماتى، ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدا چەكسىز مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى ئورتاق مۇداپىئەمىزگە مەبلەغ سېلىشتىن ئىبارەت» دېدى.

ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ: «شۈبھىسىزكى، بۇ مەسىلىلەرنىڭ بەزىلىرى، ئېغىر مەسئۇلىيەتلەر بىلەن تولغان بىر دۇنيادا ھۆكۈمەتلىرىمىزنىڭ قىيىن ۋە جاسارەتلىك قارارلارنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

شۇنداقلا، نۇرغۇن ئىتتىپاقداش دۆلەتتە بىخەتەرلىك بىر ھوقۇق دەپ قارىلىدۇ ۋە بىخەتەرلىكنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان ۋە مۈشكۈل تەلەپلىرىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا بولغان ئىستەكسىزلىك مەۋجۇت»  دېدى.

فىدان، ئىتتىپاقنىڭ «ھەممەيلەن ئۆزى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئوچۇق، ئەمما قورقۇتمايدىغان شەكىلدە چۈشەندۈرۈش» ۋەزىپىسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ناتونىڭ بۇ خىرىسلارنى يېڭىش ئۈچۈن ئېھتىياجلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇ مۇساپىدە يالغۇز ئەمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us