ئىران ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل بەقايى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى تېز ۋە كەسكىن تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
بەقايى مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، كۆپچىلىك زىئونىست ھاكىمىيەتنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرەلەيدۇ».
ئۇ يەنە ئىسرائىلىيەنى سۈرىيەنىڭ ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلىپ، ئىشغالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ھاكىمىيەت خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كەلدى، ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي قوللىشىدىن نەپكە ئېرىشتى».
بەقايى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىنى توختىتالماسلىقى تېل ئاۋىۋنى تېخىمۇ كەڭ ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ب د ت نى ئىسرائىلىيەنىڭ رايوندىكى قۇتراتقۇلۇقلىرى ۋە كېڭەيمىچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى قايتا تەكىتلەپ: «ئەپسۇسكى، بۇ ئەھۋالنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولاتتى، بۇنىڭدىن كېيىن قايسى پايتەخت (ھۇجۇم نىشانى) بولىدۇ؟» دەپ سورىدى.
ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تەلۋىلەشكەن ئىسرائىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ چېگراسى يوق، پەقەت بىرلا تىلنى چۈشىنىدۇ. رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيا بىرلىشىپ بۇ كونترولسىز تاجاۋۇزچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەك».
ئاراقچى: «ئىران سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ، سۈرىيە خەلقى بىلەن مەڭگۈ بىللە تۇرىدۇ» دەپ سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.