دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، تۈركىيە 1-ئىيۇلدا ناتو ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئامفىبىيە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قىسىملىرى قوماندانلىقى بىلەن قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قوماندانلىقىنى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.
مىنىستىرلىق دۈشەنبە كۈنىدىكى بايانىدا، دۆلەتنىڭ ناتو ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگە ئاساسەن، تۈركىيەنىڭ 2025-يىلى 1-ئىيۇلدىن 2026-يىلى 30-ئىيۇنغىچە ناتونىڭ مەزكۇر قوماندانلىقىنى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مىنىستىرلىق باياناتىدا يەنە: «ئامفىبىيە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قىسىملىرى ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرى قوماندانلىق باش ئىشتابى، بىزنىڭ دېڭىز ئارمىيە پىيادىلەر باتالىيونى قۇرۇقلۇق قىسىملىرىمىز بىلەن 2025-يىلى 24-مارتتىن 4-ئاپرېلغىچە ت ج گ سانجاقتار، ت ج گ بايراقتار، ت ج گ ئورۇچ رەئىس ۋە ت ج گ غازىئانتەپ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىسپانىيەنىڭ روتې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنامىك دېڭىزچى/فلوتېكس-25 ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.