ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خادىملىرىنىڭ ۋاتسئەپ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
فېيسبۇك ۋە ئىنستاگرامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنولوگىيە شىركىتى مېتا بۇ قارارغا «ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خادىملىرىنىڭ ۋاتسئەپ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
/ AP
4 hours ago

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسى دۈشەنبە كۈنى بارلىق پالاتا خادىملىرىغا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان ئۈسكۈنىلەردە مېتا شىركىتىنىڭ ۋاتسئەپ ئۇچۇرلىشىش سۇپىسىنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەن.

ئاۋام پالاتاسىنىڭ باش مەمۇرىي ئىشلار ئىشخانىسى ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشتا: «تور بىخەتەرلىك ئىشخانىسى، ۋاتسئەپنىڭ ئىشلەتكۈچى سانلىق مەلۇماتلىرىنى قوغداشتا ئاشكارىلىقنىڭ كەمچىل بولۇشى، ساقلانغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ شىفىرلانماسلىقى ۋە ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك يوشۇرۇن بىخەتەرلىك خەۋپى سەۋەبلىك ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن كۈچلۈك خەۋپ بار، دەپ قارىدى» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان.

پالاتانىڭ ئۇقتۇرۇشىدا يەنە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئامازون شىركىتىنىڭ  Wickr، ئالما شىركىتىنىڭ iMessage  ۋە  FaceTime ، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Teams سۇپىسى ۋە سىگنال (Signal) قاتارلىق باشقا ئۇچۇرلىشىش ئەپلىرىنى ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنغان.

مېتا شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ بۇ قارارغا «ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە» قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋاتسئەپ سۇپىسىنىڭ پالاتا ئۇقتۇرۇشىدا تەستىقلانغان باشقا ئەپلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بىخەتەرلىك سەۋىيەسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يانۋار ئېيىدا، بىر ۋاتسئەپ ئەمەلدارى ئىسرائىلىيەلىك جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتال شىركىتى Paragon Solutions  نىڭ مۇخبىرلار ۋە پۇقرالار جەمئىيىتى ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان ۋاتسئەپ ئىشلەتكۈچىلىرىنى نازارەت ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

2022-يىلى پالاتا بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ تىكتوك (TikTok)  ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us