تۈركىيە پىرىزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كاتولىك دۇنياسىنىڭ روھانى رەھبىرى ۋە ۋاتىكان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاپا فرەنسىسنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە باياناتى ئېلان قىلىپ، «چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئەردوغان دۈشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«كاتولىك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى رەھبىرى، ۋاتىكان دۆلىتىنىڭ رەئىسى پاپا فرەنسىسنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن قايغۇ – ھەسرەت ئىچىدە خەۋەر تاپتىم.»
ئۇ، فرەنسىسنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە پەلەستىن مەسىلىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ماختاپ مۇنداق دېدى:
«پاپا فرەنسىس ھۆرمەتكە سازاۋەر دۆلەت ئەربابى ئىدى، شۇنداقلا ھەر خىل ئېتىقاد گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بولۇپمۇ پەلەستىن مەسىلىسى ۋە غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە قارشى پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەن مەنىۋى رەھبەر ئىدى.»
ئەردوغان سۆزلىرىنى «پاپانىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ۋاتىكان دۆلىتىگە ۋە كاتولىك دۇنياسىغا ئۆزۈم ۋە خەلقىم نامىدىن تەزىيە بىلدۈرىمەن» دەپ ئاخىرلاشتۇردى.
«ئالەمشۇمۇل قىممەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئۈلگىلىك رەھبەر»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلمازمۇ ۋاتىكان ۋە كاتولىك دۇنياسىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. يىلماز تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى:
«پاپا فرەنسىس دۇنيا خەلقلىرىنىڭ روھىي دۇنياسنى خۇن قىلىۋەتكەن نۇرغۇن ئىنسانىي تىراگېدىيەلەر ئالدىدا سەزگۈر پوزىتسىيە تۇتقان، بولۇپمۇ غەززەدىكى قىرغىنچىلىق ۋە پەلەستىن خەلقى دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى قەتئىي پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئىپادىلىگەن، ئالەمشۇمۇل قىممەتلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئۈلگىلىك رەھبەر ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ئەللىرى ئۇنى مانا مۇشۇنداق ياد ئېتىدۇ.»
مەرھۇم پاپا فېۋرال ئېيىدا كانايچە ياللۇغى كېسەللىكى سەۋەبىدىن رىمدىكى بىر دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كېسىلى كېيىنچە قوش تەرەپلىك ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.
ئارىدىن 38 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىققان پاپا، ۋاتىكاندىكى قورۇسىدا داۋالىنىۋاتاتتى.
ۋاتىكان دۈشەنبە كۈنى پاپانىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى جاكارلىدى.