ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ يىلتىزى پەلەستىندە يەھۇدىيلار دۆلىتىنى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان زىيونىستلار ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىققان 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ رايون بىر قاتار ئۇرۇش، ئىشغالىيەت ۋە قوزغىلاڭلار بىلەن داۋالغۇپ كەلمەكتە.
بۇ توقۇنۇشنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق شىددەت بىلەن ئەۋج ئېلىشى ئەمەس. 1948-يىلدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى، 1967-يىلدىكى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش ۋە 1982-يىلدىكى لىۋان ئۇرۇشىدىن تارتىپ پەلەستىننىڭ ئىككى ئىنتېفاداسىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بۇ رايون سانسىزلىغان زوراۋانلىققا تولغان بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنى باشتىن كەچۈردى. ئەمما 7-ئۆكتەبىرنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ھاماس قىسقا ۋاقىت بولسىمۇ ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلىدى- بۇ پەلەستىننىڭ باشقا قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى ئەزەلدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ باقمىغان ھەرىكەت ھېسابلىندۇ.
ھاماس جەڭچىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزىي رېيىم ھەربىي بازىسىنى، غەززە قىسمى بازىسىنى ئىگىلىدى. بۇ ھەرىكەتتە، بازىدىكى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى ياكى ئەسىر ئېلىندى. گەرچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بازىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىنى تەۋرەتتى.
7 -ئۆكتەبىر نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟
نۇرغۇن پەلەستىنلىك ئوبزورچىلارغا نىسبەتەن، 7-ئۆكتەبىردىكى ۋەقەلەر تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان. «ئېسىمدە قېلىشىچە، ياق» دەيدۇ، پەلەستىنلىك پىروفېسسور، يازغۇچى ۋە سىياسىي تەھلىلچى كامېل خاۋاش ت ر ت ۋورلد (TRT World) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىگەللەنگەنلىكى تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ.
يەنە بىر پەلەستىنلىك ئاكادېمىك سامى ئەل ئارىيانمۇ بۇ قاراشنى قوللاپ، ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئىسىرائىلىيە زېمىنىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىگەللەنگەن تۇنجى ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
سامى ئەل ئارىيان ت ر ت ۋورلد زىيارىتىدە سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:
«ئەلۋەتتە، شۇنىمۇ قوشۇپ قويۇشقا بولىدۇكى، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ 1973-يىلدىكى ئۇرۇشتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە 1973-يىلدىكىگە ئوخشاش سىنايدا مىسىر ۋە گولان ئېگىزلىكىدە سۈرىيە تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز زېمىنىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.»
ئىسرائىلىيە ئىككى قېتىم ئىشغال قىلغان سىناي يېرىم ئارىلى تۇنجى قېتىم 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئىككىنچى قېتىم 1967-يىلدىن 1982-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىگەللىۋېلىنغان ئىدى. بۇ جايلارمىسىرغا تەۋە زېمىن ئىدى. 1973-يىلدىن باشلاپ تېل ئاۋىۋ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان گولان ئېگىزلىكىمۇ رەسمىي سۈرىيەگە تەۋە زېمىن ئىدى.
خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق پىروگرامما دىرېكتورى جۇست خىلتېرمان (Joost Hiltermann) 7 -ئۆكتەبىرنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز ئەزەلدىن بۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقمىغانىدۇق.»
ئۇ يەنە سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلىدۇ:
«ئەمما، بەزى تەرەپلەردە بۇ ھەرىكەتنى ئۇزۇن يىللىق توقۇنۇش ئەندىزىسىنىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ.»
ئۇ بۇ ھۇجۇمنى «ئىلگىرىكى بارلىق ئىشلارنىڭ بىرىكىشى» دەپ تەسۋىرلەپ، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ھەر قايسى باسقۇچلىرىغا، يەنى 1960-، 70-يىللاردا مىسىر ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرى قوللىغان تىرىشچانلىقلاردىن تارتىپ ئىنتىفادالار ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان نۇرغۇن قېتىملىق غەززە ئۇرۇشلىرىغا ئىما قىلىدۇ.
بەزى تەھلىلچىلەر يەنە بىر قېتىملىق ئەرەب-ئىسرائىلىيە چوڭ ئۇرۇشى بولغان يەنى 1973-يىلدىكى ئۆكتەبىر ئۇرۇشى بىلەن ئوخشاشلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ئوخشىمايدىغىنى، ئىسرائىلىيە 1973-يىلى ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىشنى نىشان قىلغان مىسىر ۋە سۈرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئەمەس، ئۆز چېگراسى ئىچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
2023 -يىلى 7-ئۆكتەبىر ھاماس ھۇجۇملىرىدا 1170 ئىسرائىلىيەلىك جېنىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەتتىكى پۇقرالار. 2400 ئادەم يارىلاندى. پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىسى غەززەدە 251 ئادەمنى گۆرۈگە ئالدى. ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە تەخمىنەن 42 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار.
7 -ئۆكتەبىر نېمىنى ئۆزگەرتتى؟
7 -ئۆكتەبىردىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ قىسىم ئەرەب رايونىدا يەھۇدىي دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىدىغان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.
پەلەستىنلىك يازغۇچى ۋە سىياسىي ئوبزورچى رامزى بارود ئىسىرائىلىيە-ئەرەب دۆلەتلىرى نورماللىشىشى، پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ چەتكە قېقىلىشى ۋە غەززەنىڭ قورشاۋى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ:
«7 -ئۆكتەبىردىن بۇرۇن ئىسرائىلىيە پەلەستىندىكى كۆچمەنلەر-مۇستەملىكىچىلىك پىلان-لايىھەسىنىڭ ئاخىرقى بابىنى يېزىۋاتقاندەك قىلاتتى. پەلەستىن رەھبەرلىكىنى پۈتۈنلەي قورقىتىپ، ئەرەبلەرنىڭ پەلەستىننى قوللىشىدىكى ئاتالمىش ئىتتىپاقلىقنى پارچىلاپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىدى.»
رامزى بارود نېتانياھۇنىڭ 2023-يىلدىكى ب د ت نۇتقىنى «تارىختىكى ۋەيران قىلغۇچ پەيتنىڭ خۇلاسىسى» دەيدۇ.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نۇتقىدا پەلەستىن زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان خەرىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى «يېڭى ئوتتۇرا شەرق» دەپ ئاتىغان ئىدى. نىتانىياھۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدا: «پەلەستىن سىياسىي رېئاللىق سۈپىتىدە مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. پەلەستىنلىكلەر ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسى بىلەن بىر مىللەت سۈپىتىدە مۇھىم ئەمەس ئىدى.»
بىراق، نىتانىياھۇنىڭ ب د ت نۇتقىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە، 7-ئۆكتەبىردىكى كۈتۈلمىگەن ئىشلار ھەممىنى ئۆزگەرتتى.
بارود بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«7 -ئۆكتەبىر پەلەستىنلىكلەرنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ كەلگۈسى تىنچلىقىنىڭ مەركىزىگە قويۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىق ئارقىلىق سىياسىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى نېيتراللاشتۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ نورماللىشىشىنى سىجىل داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.»
«7 -ئۆكتەبىر ھۇجۇمى ھاماسنىڭ <يېڭى ئۇرۇش> باشلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنى، بولۇپمۇ ئوتتۇرىغا سۇنۇلغان ھىندىستان-ئوتتۇرا شەرق-ياۋروپا ئىقتىسادىي كارىدورى پىلانىنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى» دەيدۇ خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق پىروگرامما دىرېكتورى جۇست خىلتېرمان ۋە ھاماسنى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆپ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى دەپ ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە قوشۇپ قويىدۇ.
رايوندىكى ئەكس سادالار
ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى بېسىمغا ئۇچرىدى. غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىدلەشتە تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىننىڭ قوللىغۇچىلىرى دۇنيا جامائەت پىكىرى توپلاشتا تېخىمۇ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشتى.
7-ئۆكتەبىردىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ رايون دىپلوماتىيەسى، بولۇپمۇ تېل ئاۋىۋ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نورماللىشىشقا سۆھبەتلىرى ئاز قالغان توختاپ قالدى. سەئۇدى ئەرەبىستان غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش دەپ قارىغانلىقتىن، تېل ئاۋىۋ بىلەن نورماللىشىشنى رەت قىلدى. تۈركىيە، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقىنى تەنقىد قىلدى. ب د ت دا خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشىغا بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈردى.
ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى ئىسرائىلىيەنى «خەلقتىن ئايرىلىپ قالغان» دۆلەتكە ئايلىنىش خەۋىپىدىن ئاگاھلاندۇردى. خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت مۇنبەرلىرىدە ئامېرىكانىڭ ئەكسىچە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى چاقىرغۇ ۋە سىمسىز تېلېفون ھۇجۇمىنى ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىدى. ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيە قاتارلىق بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا، تېل ئاۋىۋنى تېخىمۇ كۆپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
بارود دۇنيا مىقياسىدا غەززە بىلەن ماسلاشقان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى يېڭى قانۇنلۇق شەكىلنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ ئۆزگىرىشنىڭ كونا تەرتىپنىڭ ئورنىنى ئالغانلىقىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «تەسۋىرلىگۈسىز ۋەھشىيلىكلىرى» بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ «تىللاردا داستان قارشىلىقى» ئالدىدا داۋاملاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «قانۇنىيلىق ئەمدى غەززە بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلارغا، غەززە ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلارغا ۋە ئۆلگەنلەرگە، ۋە غەززە ئۈچۈن توقۇنۇشنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتكەنلەرگە مەنسۇپ. بۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە قانۇنىيلىقىنى يوقىتىپ قويدى.»
7 -ئۆكتەبىر شۈبھىسىزكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىنىڭ مەنزىرىسىنى ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. ئىلگىرى مۇقىم سىياسىي تەڭپۇڭلۇق دەپ قارالغان، ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق كونتروللۇقى ئاستىدا ۋە پەلەستىننىڭ ئۈمىدى ئازايغان ئەھۋال ھازىر ئېنىقسىزلىققا ئايلاندى. بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپلا قالماي، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلىدى.
«بۇ 7-ئۆكتەبىردىن كېيىنكى مەزگىلنىڭ پەلەستىننى يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنى باشقۇرۇپ كەلگەن سىياسىي ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي قائىدىلەرنى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكانى مەركەز قىلغان رايونلۇق كۈچ ئەندىزىسىنى قايتىدىن يېزىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەيدۇ، پەلەستىنلىك يازغۇچى ۋە سىياسىي ئوبزورچى رامزى بارود ئاخىرىدا.