ھىندىستان تۈن بويى پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى شەھەرلەر ھەم جامەلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇملاردا 3 ياشلىق بىر قىز بالا، بىرقانچە ياش ۋە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇملارنىڭ بىرىدە، ھىندىستان پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى ئالتە نۇقتىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە جامەلەرگە زىيان يەتكۈزگەن.
پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى ھىندىستاننىڭ باخاۋالپۇر، مۇرىدكە، مۇزەففەرئاباد، كوتلى، باغ ۋە شەرقىي ئەھمەدپۇر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاھالىلار زىىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئىدى.
لېيتېنانت گېنېرال ئەھمەد شەرىف چاۋدرى ھۇجۇملاردا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ھەمدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردا ئارىسىدا شەرقىي ئەھمەدپۇردا 3 ياشلىق بىر قىز بالىنىڭ، پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ كوتلى رايونىدا 16 ياشلىق بىر قىز بالا ۋە 18 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. لاھور ئەتراپىدىكى مۇرىدكە شەھىرىدىمۇ بىر كىشى ئۆلتۈرۈلدى. ئونلارچە كىشى يارىلاندى، ئىككى كىشى يوقاپ كەتتى.
چاۋدرى گارنىزون شەھىرى راۋالپىندىدا تاڭ سەھەرگە يېقىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ھىندىستان ئارمىيەسى ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىپ ئالتە جايغا ئۇدا 24 قېتىم ھۇجۇم قىلدى» دېدى.
ئۇ، بىر جامەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ جايلارنىڭ پاكىستاننىڭ ئىچىدە ۋە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
پاكىستان ھىندىستاننىڭ بۇ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ 5 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە نۇرغۇن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.