ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سىنلىرىنى «ئېنىق سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئەيىبلىدى
خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ خىتاي دۆلەت خادىملىرىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئورتاقلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان سىنلىرىنى «ئېنىق سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئەيىبلىدى.
خىتاي ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ سىنلىرىنى «ئېنىق سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئەيىبلىدى
CIA director John Ratcliffe said the cinematic videos were "just one of many ways that we're adjusting our tradecraft at the CIA". / Reuters
7 مايو 2025

بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا بىر-بىرىنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن  ئەيىبلەشلەر يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە، خىتاي «زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى» قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن سەيشەنبە كۈنى (6-ماي) دىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا خىتايغا يامان غەرەز بىلەن ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، يەنە خىتاي دۆلەت خادىملىرىنى ئالداپ، تەسلىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇۋاتىدۇ، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى بىۋاسىتە نىشان قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئالدىنقى ھەپتە ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى «خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئامېرىكاغا ياردەم بېرىش» كە ئىلھاملاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر يۈرۈش سىنلارنى تارقاتتى. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى دېرىكتورى جون راتكىللېف: «سىنلار بىزنىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىمىزغا ماسلاشقان نۇرغۇن يوللارنىڭ بىرىدۇر» دېدى.

خىتاي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش، ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە سىياسىي كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ھەر خىل پەسكەش ئۇسۇللارنى قوللانماقتا» دېگەن ھەمدە ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا تارقىتىلغان سىنلارنى «ئامېرىكانىڭ بۇ ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنىڭ يەنە بىر  ئىسپاتى» دەپ تەسۋىرلىگەن ئىدى.

باياناتچى لىن يەنە، خىتاينىڭ بۇ سىنلارنى «كۈچلۈك» ئەيىبلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشتە بىر – بىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار

بىر - بىرىنى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەشلەر داۋاملىشىۋاتقان بىر مۇھىتتا، ئالدىنقى ئاي خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى فېۋرالدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جەريانىدا، ئامېرىكانىڭ ئۈچ  نەپەر «مەخپىي خادىمى» نىڭ تور ھۇجۇمىغا چېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مارتتا بولسا، خىتاي بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بىر ئىنژېنېرنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بىر چەت ئەل كۈچىگە يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي باستۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


 

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us