«Financial Times» گېزىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تېھران يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن سۆھبەتنى قايتا باشلىمىغان تەقدىردە، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مەكتۇپ يوللىغان.
بۇ مەكتۇپ، 2015-يىلىدىكى يادرو كېلىشىمىنىڭ ياۋروپالىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئىستانبۇلدا ئىران بىلەن ئامېرىكا-ئىران يادرو سۆھبىتىنى قايتا باشلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن كېيىن يوللانغان.
خەۋەرگە قارىغاندا، E3 گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يازغان خېتىدە، ئىران ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تېھراننى ئاگاھلاندۇرغان.
مىنىستىرلار خېتىدە مۇنداق دېگەن:
«ئەگەر ئىران 2025-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىگە يېقىنلاشمىسا ياكى بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا، E3 گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارمىز.»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، تېھراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوللىغۇچىلىرى ئۈنۈملۈك دەپ قارىغان 2015-يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن 2018-يىلى ئۆز ئالدىغىلا چېكىنىپ چىققان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران يادرو پىروگراممىسىنىڭ تىنچلىق مەقسىتىدە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرمەكتە.