رۇسىيەنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى ھەربىي شىركىتى ۋاگنېر، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىدىكى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلەتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ گۇرۇپپا جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا: «بىز رايوندىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ زېمىنىنى قوغدىيالايدىغان كۈچلۈك ۋە ئىنتىزامچان بىر ئارمىيە قۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق. بارلىق رايون مەركەزلىرى قانۇنلۇق ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا قايتتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
باياناتتا يەنە: «يىللاردىن بۇيان پۇقرالارنى ۋەھىمىگە سېلىپ كەلگەن مىڭلارچە قوراللىق ئۇنسۇرنى ۋە ئۇلارنىڭ قوماندانلىرىنى بىر تەرەپ قىلدۇق» دېگەن ئىبارىلەرمۇ ئورۇن ئالدى.
ساھېل رايونىغا جايلاشقان مالى 2012-يىلدىن بۇيان ئىسيانچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

رۇسىيەنىڭ ئافرىقادىكى قىسىملىرى ۋاگنېرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ
مالىدىكى ھەربىي ھۆكۈمەت، فىرانسىيە ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەندىن كېيىن، رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.
ۋاگنېرنىڭ باياناتىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ھەربىيلەشتۈرۈلگەن كۈچ بولغان ئافرىقا قىسىملىرىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ھەربىي ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئۈچ دۆلەت، يەنى مالى، بۇركىنا فاسو ۋە نىگېر بۇ يىلنىڭ بېشىدا غەربىي ئافرىقا رايونلۇق ئىتتىپاقى —ECOWAS دىن رەسمىي ئايرىلىپ، «ساھېل دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» نامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى قۇردى.
