ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شەرقىي ئۇكرائىنادا 5 كىشى ئۆلدى، كىيېۋدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن دونېتسىكتىكى يېزا – قىشلاقلارغا ھۇجۇم قىلدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پايتەختتىكى بىر بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، شۇ جايدىكى خەلق يەر ئاستىغا كىرىپ پاناھلاندى.
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شەرقىي ئۇكرائىنادا 5 كىشى ئۆلدى، كىيېۋدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا شەرقىي ئۇكرائىنادا 5 كىشى ئۆلدى، كىيېۋدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى / Reuters
16 hours ago

ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە قىسىملىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى ۋە شەرقتىكى دونېتسىك رايونىدىكى يېزا – قىشلاقلارغا ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 12 كىشى يارىلانغان.

پايتەختتە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ سائەتلەرچە داۋاملاشقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنغان، 16 قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.

ھۇجۇملاردا يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

 كىيېۋ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار مەسئۇلى تىمۇر تىكاچېنكو: «رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن كىيېۋدا كەچ تەرەپلەردە ئۇزۇنغىچە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چېلىندى» دېدى.

شەھەر باشلىقى ۋىتالىي كلىچكومۇ بۇ ئەھۋالنى جەزملەشتۈردى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بىر ۋىدېيو كۆرۈنۈشىدە، ئاھالىلەرنىڭ مېترو بېكەتلىرىدە پاناھلانغانلىقى كۆرىلىدۇ.

شەرقىي ئۇكرائىناغا جايلاشقان دونېتسىك مەمۇرىي رايونىنىڭ مەسئۇلى ۋادىم فىلاشكىن، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپلىگەن يېزا – قىشلاقلار، ئۆيلەر ۋە ئۇل-ئەسلىھەلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىلاشكىن بۇ ھۇجۇملاردا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە زەمبىرەكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ پۇقرالار ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىرنەچچە پۇقرامۇ تارقاقلاشتۇرۇلغان.

بۇ دەۋالار مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى. رۇسىيە تەرەپمۇ تېخى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

 

ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويۇشى ئۇكرائىنادا ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

 

رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويۇش قارارى كىيېۋدا قاتتىق ئەندىشە پەيدا قىلدى. بەزى ھەربىي ئانالىزچىلار رۇسىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇم دەپ ئاتىماقتا.

پېنتاگون (بەش بۇرجەكلىك بىنا) بۇ ھەرىكەتنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ، بۇنىڭ دېڭىز – ئوكياندىن ھالقىغان قورال-ياراغ يۆتكەش ۋە ئۇكرائىناغا بېرىلىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، ھەمدە بۇنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزگىرىۋاتقان مۇھىم مۇداپىئە پىلانلىرىغىمۇ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، پىرېزىدېنت جو بايدىننى دۆلەتنىڭ قورال-ياراغ زاپىسىنى ئۇكرائىناغا زور مىقداردا ئەۋەتىپ خورىتىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:

 «بايدىن قورال - ياراغ زاپاسلىرىمىزنى ئۇكرائىناغا قورال ئەۋەتىش ئۈچۈن خوراتتى، بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك قورال-ياراغقا ئىگە ئىكەنلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىشى پىلانلانغان قورال - ياراغلارنى تېخى توختىتىپ قويمىغانلىقىنى، بىراق ھازىرقى ئەھۋالنىڭ قالغان قورال - ياراغ زاپاسلىرى ھەققىدە ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Putin to Trump: Russia won't back down from goals in Ukraine
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us