كورېيە ئۇرۇشى يۈز بەرگىنىگە 70 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى مىسلىسىز پىداكارلىقلىرى جەنۇبىي كورېيە خەلقى تەرىپىدىن ھېلىھەم چەكسىز مىننەتدارلىق ئىلكىدە ياد ئېتىلمەكتە.
ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئادنان مەندەرەسنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى شىمالىي كورېيەنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى جەنۇبىي كورېيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى. تۈركىيە پولكى كورېيە ئۇرۇشى مىقدارى زور دەرىجىدە كۆرسەتكەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى پىداكارلىقلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە «ئالاھىدە قىسىم» ئۇنۋاغا ئېرىشتى، ھەمدە ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
ئىستانبۇلدا ياشايدىغان 96 ياشلىق كورېيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان تۈركىيە ئەسكىرى غازى مۇستافا رەجبەرئوغلۇ، «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ، چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە مۇنداق دېدى:
«ئەنقەرەدە تەلىم - تەربىيە مەشىقلىرىمىزنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىسكەندەرۇندىن پاراخوت بىلەن يولغا چىقتۇق. سۈۋەيش قانىلىدىن ئۆتتۇق، ئوكيانلارنى كېسىپ ئۆتتۇق، ئاخىرىدا ئۇزۇن بىر سەپەردىن كېيىن كورېيەگە يېتىپ باردۇق. ناھايىتى كۆپ جاپا - مۇشاققەتلەرنى تارتتۇق، سەپداشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلىگەن ھامان ئىخىتىيارسىز ھالدا چەكسىز ھاياجان دېڭىزىغا چۆمۈلۈپ كېتىمەن. ئۇرۇشنىڭ ھېچقانداق بىر يەردە قايتا بولماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن، ئەمما ئۇرۇش بىر قېتىم باشلاندىمۇ ئۇنىڭدىن قاچالمايسىز.»
تۈركىيە پولكى كورېيەگە يېتىپ بارغان تۇنجى چەت ئەل قىسىملىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇرۇشتا تەخمىنەن 900 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى. شېھىتلەردىن 462 سى جەنۇبىي كورېيەنىڭ بۇسان شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كورېيە خاتىرە قەبرىستانلىقىدا ياتماقتا.
تۈركىيە قىسىملىرى ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى
تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە باش ئەلچىسى مۇرات تامەر مۇنداق دەيدۇ:
«كورېيە ئۇرۇشىنىڭ 70-يىللىق خاتىرە كۈنىدە، شېھىتلىرىمىزنى چەكسىز ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق ئىلكىدە يەنە بىر قېتىم ئەسلەيمىز. تۈركىيە ئارمىيەسى ئۇرۇشتا مىسلىسىز قەھرىمانلىقلارنى كۆرسەتتى، ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. كۇمياڭجاڭ-نى ئۇرۇشىدىكى غەلىبىلىرى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.»
كورېيە ئۇرۇشى تۈركىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك دوستلۇقنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزدى. تۈركىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە «قان قېرىنداش دۆلەتلەر» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىرىنى ھەر ساھەدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرماقتا. تۈركىيە ئەسكەرلىرى ئۇرۇشتىن كېيىن تاكى 1971-يىلىغىچە رايوندا تىنچلىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇردى.
تۈركىيە ئەسكەرلىرى پەقەت ئۇرۇش مەيدانىدىلا ئەمەس، ئىنسانىي ياردەملىرى بىلەنمۇ مىسلىسىز پىداكارلىقلارنى كۆرسەتتى. تۈركىيە ئۇرۇشتا يېتىم قالغان كورېيەلىك بالىلار ئۈچۈن مەكتەپ سالغان بىردىنبىر دۆلەت ئىدى. بۇ بالىلاردىن بىرى بولغان ئايلانىڭ ھېكايىسى ئىنسانىيەتكە ھەردائىم ئۈمىد چىرىغى ياندۇرىدىغان بىر مىسال، ئەلۋەتتە.
ئۇرۇش جەريانىدا سۇلەيمان دىلبىرلىگى ئىسىملىك تۈرك ئەسكىرى ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يېتىم قالغان 5 ياشلىق بىر قىز بالىنى تاپتى ۋە ئۇنىڭغا «ئايلا» دەپ ئىسىم قويدى. ئايلا تۈركچەدە «ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئەتراپىدا كۆرۈلىدىغان نۇر ھالقىسى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
«تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پىداكارلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمىز»
سۇلەيمان ئايلاغا ئۇدا 15 ئاي تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ گازارمىسىدا قارىدى. تۈركىيەگە قايتىدىغان ۋاقتىدا، ئايلانى جەنۇبىي كورېيەدە مەسئۇللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سېلىنغان ئەنقەرە مەكتىپىگە تىزىملاتتى.
سۇلەيمان ئۈچۈن ئايلانى ئارقىدا قالدۇرۇپ كېتىش ھەقىقەتەنمۇ قىيىن ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئايلانى تۈركىيەگە ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قىزى سۈپىتىدە چوڭ قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، سۇلايمان ئايلانى بىر چامادانغا سېلىپ، دۆلەت سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان، ئەمما مۇۋەپپەق بولالمىغان.
ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئايلا بىلەن سۇلەيمان جەنۇبىي كورېيەدە قايتا بىر يەرگە جەم بولدى. بۇ ھاياجانلىق ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ۋون ئىك لې بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ پىداكارلىقلىرى كورېيە خەلقىنىڭ خاتىرىسىدە چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇردى. كورېيە جۇمھۇرىيىتى بۇ پىداكارلىقلارنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.»