ب د ت خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاياللارنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ 9.6 پىرسەنتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن قايتىدىن شەكىللەندۈرۈلىدىكەن، ئەرلەرنىڭ خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بولسا 3.5 پىرسەنتىلا بۇ تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
ب د ت خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) نىڭ بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەتتە ئاياللار قىلىدىغان خىزمەتلەر، بولۇپمۇ يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردە، ئەرلەر قىلىدىغان خىزمەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا سۈنئىي ئەقىلنىڭ تەسىرىگە قارىتا تېخىمۇ ئاجىز ھالەتتە تۇرىدىكەن.
دوكلاتتا، سۈنئىي ئەقىلنىڭ بارغانسېرى كۆپ مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ۋە كاتىباتلىققا ئوخشاش ئىشخانا خىزمەتلىرىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن، ئادەتتە ئاياللارغا مەنسۇپ خىزمەتلەرنىڭ 9.6 پىرسەنتىنىڭ ئۆزگىرىشكە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئەرلەر قىلىدىغان خىزمەتلەرنىڭ پەقەت 3.5 پىرسەنتىنىڭلا تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا يەنە، نۇرغۇن ۋەزىپىلەر ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ يەنىلا زۆرۈر بولىدىغانلىقى ۋە خىزمەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشىدىن بەكرەك تۈپتىن ئۆزگىرىشكە ئۇچرايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
تاراتقۇ، يۇمشاق دېتال ۋە پۇل-مۇئامىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنىڭمۇ، ئىجادچان سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
دوكلاتتا: «بىز بۇ خىل تەسىرگە ئۇچراشنىڭ، بىر كەسىپنىڭ پۈتۈنلەي ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى ۋەزىپىلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.
دوكلات ھۆكۈمەتلەر، ئەمگەك بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىلىرىنى سۈنئىي ئەقىلنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىدىغان شەكىلدە ئىشلىتىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا چاقىرغان.