قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپپاروۋ بىلەن تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان بىشكەكتە پەيشەنبە كۈنى ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا لىنىيەلىرى توغرىسىدا بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككى رەھبەر يېقىنقى يىللاردا توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك تالاش – تارتىشنى ھەل قىلدى.
2002 - يىلدىن بۇيان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھۆججەت، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخماننىڭ بىشكەكتىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا قىرغىزىستان دۆلەت سارىيىدا ئىمزالاندى.
ئىككى پىرېزىدېنت يەنە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىشقا كېلىشكەنلىكى توغرىسىدا ئورتاق باياننامە ئېلان قىلدى.
تەخمىنەن 1000 كىلومېتر (621 مىل) ئۇزۇنلۇقتىكى قىرغىزىستان-تاجىكىستان چېگرا لىنىيەسى 2021 - ۋە 2022 – يىللىرى قايتا - قايتا ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۇقتىسى بولدى.
2021 - يىلى ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلار 36 قىرغىزىستان پۇقراسى ۋە 19 تاجىكىستان پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
2022 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدا ئۇدا 2 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشلار كەم دېگەندە 100 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە تەخمىنەن 140 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.